ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك
بەزىلەر ئۇرۇقلۇقىدىن ئازراق سەمىرىشنى ئويلايدۇ، يەنە بەزىلەر سېمىزلىكىدىن ئۇرۇقلاشنى ئويلايدۇ. مەنمۇ دەل ئۇرۇقلاش سېپىدىكىلەردىن بولۇپ، يېقىندىن بىرى مەن ئىزچىل تۈردە يىمەكلىك ئارقىلىق ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى سىناپ، بەدەننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدىغان بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىۋاتىمەن. شۇڭا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزۈم ئىستىمال قىلىۋاتقان بىر قورۇمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇ قورۇما، موگۇ كۆكمۇچ قورىمىسى. بۇنىڭدىكى ئىككى خىل يىمەكلىك ماتىريالى، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىكلەردىن بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئەمما ئىنىرگىيە تەركىبى تۆۋەن؛ بۇندىن باشقا، تەركىبىدە ئاقسىل، يىمەكلىك تالا ماددىسى قاتارلىقلار مول بولۇپ، داۋاملىق ئىستىمال قىلغاندا، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى تازىلاپ، بەدەنگە ئىنىرگىيە سۈمۈرلۈشنى ئازايتىدۇ. شۇڭا، بۇ قورۇمىنى ھەرقانچە يىسىمۇ ئادەم سەمىرىپ قالمايدىغان بولۇپ، يەنە تېخى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان بېسىم، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆەنلىتىش، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا، موگونىڭ يەنە قېرىشنى ئاستىلىتىش، تىرە ئاقارتىش، داغ يوقىتىپ قورۇقچىلارنى سۇسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. ئەگەر موگونى كۆك لازا بىلەن قوشۇپ قورۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى كۆيدۈرۈپ خورىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
موگو كۆك لازا قورىمىسىنى تەييارلاش ئاسان، سۈرئەت تىز بولۇپ، ئائىلىدە تەييارلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئالدى بىلەن، موگو، كۆك لازا، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، سامساق، زەيتۇن مېيى قاتارلىق ماتىرياللارنى تەييارلىۋالىمىز؛ كەينىدىن، موگۇنى سۇغا ئازراق چىلاپ قويغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ، پاكىزە يۇيۇپ، ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ كۆك لازىنى يۇيۇپ، موگوغا ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە توغرايمىز؛ سامساقنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.
قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، ئالدى بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن موگونى سېلىپ چوڭ ئوتتا تىز سۈرئەتتە قورۇيمىز؛ موگو 7-6ئۈلۈش پىشقاندىن كىيىن كۆك لازىنى سالىمىز؛ كۆك لازىغا ئۇلاپلا ئۈستىگە تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىق خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ، داۋاملىق قورۇيمىز؛ خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ تەمى يىمەكلىك ماتىرياللىرىغا ئۆتكەندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش