دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

گىلاسقا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۈچ پىتنە- ئىغۋاغا سىز ئىشىنىپ باققانمۇ؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-05-24 16:34:29

 ھازىر گىلاس بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل، ئەمما گىلاس ئۇرۇقچىسىنى يۇتۇۋەتسە زەھەرلىنىپ قالىدۇ، گىلاسنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئاق قۇرتنى يەۋالسا كېسەل بولۇپ قالىدۇ، چوڭ گىلاسقا ھورمۇن ئىشلىتىلىدۇ دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ گىلاسقا ئامراق كىشىلەرنى تەڭلىكتە قويدى، يېمەكلىك ئىلمى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

  بىرىنچى پىتنە- ئىغۋا: بىر ئايال بەش تال گىلاسنى يەپ، گىلاس ئۇرۇقچىسىنى چىشلەپ ئېزىۋېتىپ زەھەرلىنىپ قالدى

  دوستلار چەمبىرىكىدە بىر سىن تارقالغان بولۇپ، ئالاقىدار كىشى بەش تال گىلاسنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي قورسىقى ئاغرىپ، بېشى قايغان. ئاندىن كېيىن، سىن ئىشلىگۈچى «كېپۇ» مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب گىلاس ئۇرۇقچىسى تەركىبىدە سىئانىد گلۇكوزىدى بار بولۇپ، ئۇ ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ رېئاكسىيەلىشىپ، ئۆتكۈر زەھەرلىك سىئانىد ئىئونىنى ھاسىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن سىئانىدتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

01.png

  يېشىپ چۈشەندۈرۈش: گىلاس ئۇرۇقچىسى گەرچە زەھەرلىك بولسىمۇ، بىر نەچچە تالنى خاتا يەپ قويۇشنىڭ خەتىرى يوق

  شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەتقىقات جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، پروفېسسور ليۇ شاۋۋېي «جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: گىلاس ئۇرۇقچىسىدا ھەقىقەتەن سىئانىد تۈرىدىكى ماددىلار بار، سىئانىد تۈرىدىكى ماددىلار ئەمەلىيەتتە زەھەرسىز، لېكىن گىلاس ئۇرۇقچىسىدا يەنە ھىدرولىزلىغۇچى ئېنزىم بار، ئەگەر گىلاس ئۇرۇقچىسىنى چىشلەپ ئىزىۋەتسە ياكى چاينىسا، بۇ خىل ھىدرولىزلىغۇچى ئېنزىم سۇ بىلەن ئۇچرىشىپ، سىئانىد گلۇكوزىدنىڭ پارچىلىنىش مېتابولىزمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈر زەھەرلىك ھىدروسىئانىد كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

  ئەمما، گىلاس ئۇرۇقچىسى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، چايناپ ئېزىۋېتىش ياكى ھەزىم قىلىش ناھايىتى تەس، ئۇرۇقچىدىكى سىئانىد تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش پۇرسىتى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۆتكۈر زەھەرلىك ھىدروگېن سىئانىد كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلالمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقانداق زەھەرلىك ماددا پەقەت بەلگىلىك ئىستېمال مىقدارىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاندىن زەھەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. يەككە گىلاس تەركىبىدىكى سىئانوگلۇكوزىدنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بىر كىلوگرام گىلاس ئۇرۇقچىسى تەركىبىدە نەچچە ئون مىكروگرام سىئانوگلۇكوزىد تۈرىدىكى ماددىلار بار، ئاندىن ھىدروسىئانىدقا پارچىلانسا مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ھىدروسىيانىك كىسلاتانىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش مىقدارى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا تەخمىنەن 0.5 مىللىگرامدىن 3.5 مىللىگرامغىچە بولىدۇ، يەنى ئادەتتە بىر كىلوگرام گىلاس ئۇرۇقچىسىنى يېسىمۇ ئۆلتۈرۈش مىقدارىغا يېتىشى ناتايىن.

  شۇڭا، بەش تال گىلاس ئۇرۇقىنى يەپ زەھەرلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن دېگەن قاراش ئېنىقلا ئىشەنچىسىز. ئاندا- ساندا بىر نەچچە تال گىلاس ئۇرۇقچىسىنى يۇتۇۋەتسىمۇ، ئەتىسى چوڭ تەرەت بىلەن چىقىپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش