دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

شىنجاڭ ئاق كىشمىش ئۆرۈكىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى! شېرىن تەمى تىلىڭىزدا قالىدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-06-28 10:51:51

يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا

«جۇڭگو ئاق كىشمىش ئۆرۈك ماكانى» دەپ نام ئالغان

شىنجاڭ كۇچا شەھىرى ۋە بۈگۈر ناھىيەسىدە

ئۆرۈكنىڭ مەززىلىك ھىدى ھەممە ياقنى قاپلىدى

كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ سىنىدىن ئېلىندى

شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئاق كىشمىش ئۆرۈكنىڭ

پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، تەملىك بولۇپ

ھەسەلدەك تاتلىق، يۇمشاق، شىرنىلىك، يېيىشلىك

خۇددى دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان «ئاق ھەسەل»گە ئوخشايدۇ

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرى شىڭخۇا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۆرۈكلۈكتە ئاق كىشمىش ئۆرۈك ئۈزمەكتە.
ۋۇ لې فوتوسى

دانىسى كىچىك

بىر تال يېسە ئېغىزغا دەل كېلىدۇ

بوشقىنە چىشلىگەندە

شېرىن تەمى ئېغىزدىلا قالىدۇ

ھەقىقەتەن ھەسەل يېگەندەكلا

6-ئاينىڭ 3-كۈنى، تېرىقچىلىق ئاھالىسى بۈگۈر ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى ئايرىماقتا.
رېن پىڭتيەن فوتوسى

ئاق كىشمىش ئۆرۈكنىڭ يېڭىسىنى يېيىش مەزگىلى بىرقەدەر قىسقا

ئىلگىرى پەقەت شۇ جايدىكى كىشىلەرلا بۇ مېۋىنىڭ يېڭىسىنى تېتىيالايتتى

بۈگۈنكى كۈندە ئاۋىياتسىيە ۋە سوغۇق ساقلاش زەنجىرى تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ

شىنجاڭ ئاق كىشمىش ئۆرۈكى ئايروپىلاندا توشۇلۇپ

بارغانسېرى كۆپ كىشى ئۇنىڭ مەززىلىك تەمىنى تېتىيالايدىغان بولدى

كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ سىنىدىن ئېلىندى

بۇ يىل

  ئاق كىشمىش ئۆرۈك تېز يوللانما ئارقىلىق

بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن

خاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق 40 نەچچە شەھەرگە سېتىلىپ

شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى

رىياسەتچى ئاق كىشمىش ئۆرۈكنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق،

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە

ئاق كىشمىش ئۆرۈكنىڭ مەركەزلىك بازارغا سېلىنىشى

ۋە «618» ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان «قوش يۇقىرى پەللە»نىڭ تۈرتكىسىدە

تېز يوللانما ئارقىلىق ئاق كىشمىش ئۆرۈكنىڭ سېتىلىش نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يەتكۈزۈلىدىغان يوللانما مىقدارى 550 مىڭدىن ئاشىدىكەن

  5-ئايدىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى 190 مىڭ 400 يەشىك ئاق كىشمىش ئۆرۈك يەتكۈزگەن، سېتىش سوممىسى 12 مىليون 376 مىڭ يۈەن بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل بۈگۈر ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ مول ھوسۇل پەسلىدە، تېز يەتكۈزۈش يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان ئاق كىشمىش ئۆرۈك 250 مىڭ يەشىككە، سېتىش سوممىسى 16 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن؛ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى كۇچا ئاق كىشمىش ئۆرۈكىدىن 135 مىڭ 900 مىڭ يەشىك يەتكۈزگەن، ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش سوممىسى 9 مىليون 241 مىڭ 200 يۈەن بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل تېز يەتكۈزۈش يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان كۇچا ئاق كىشمىش ئۆرۈكى 300 نەچچە مىڭ يەشىككە، سېتىش سوممىسى 20 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

ئاق كىشمىش ئۆرۈكنىڭ

ئوراش-قاچىلاش، ۋاقىت ئۈنۈمى، توشۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە بولغان تەلىپى

بىرقەدەر يۇقىرى

مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن

ئىككى جايدىكى پوچتا، جىڭدۇڭ، شۈنفېڭ قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى

بىردەك يېڭى مېۋە-چېۋىلەر ئارقىلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش باھاسىنى يولغا قويدى

 مەخسۇس ئوراش-قاچىلاش ماتېرىيالىنى زاكاز قىلىپ ئىشلەتتى

مەخسۇس يىغىپ ساقلاش كوللېكتىپى، بىۋاسىتە تارقىتىدىغان زاپاس ئاپتوموبىللارنى ئاجراتتى

خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقى، زاپاس خادىم كۈچىنى ئاشۇردى

كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ سىنىدىن ئېلىندى

بۈگۈر، كۇچا ئاق كىشمىش ئۆرۈكى

ئاساسەن ئېتىز بېشىدا نەق مەيداندىن توشۇلىدۇ

شىنجاڭ ئىچىدە «بۈگۈنى ئەۋەتىپ ئەتىسى يەتكۈزۈلىدۇ»

شىنجاڭ سىرتىدا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق

يوللانمىلارنىڭ ئۇپرىشى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ

مەھسۇلات سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندۇ

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئالاقە تورى + يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» ئەندىزىسىگە تايىنىپ، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېزىلارنىڭ يوللانما يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە «تېز يوللانمىنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش»نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۈگۈر ئاق كىشمىش ئۆرۈكى، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تېز يەتكۈزۈشنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تېز يوللانمىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، شۇ جايدىكى ئاق كىشمىش ئۆرۈك، ئالما، چىلان، ياڭاق قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كارخانىلارنى ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، يەتكۈزۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر جايدا بىر مەھسۇلات بولۇش» كۈمۈش مېدال تۈرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، شەھەر سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېزىلارغا يەتكۈزۈلۈپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەھەرگە كىرگۈزۈلۈپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش