2023-يىللىق «جۇڭچيۇ» «دۆلەت بايرىمى»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى
ھازىر قاتناۋاتقان يولۇچىلار پويىزى ئاساسىدا
توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ
444 يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ
ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرام مەزگىلىدە
ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ساياھەت قىلىشتىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇرىدۇ
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق «قوش بايرام»لىق دەم ئېلىش كۈنىدىكى توشۇش مەزگىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولۇپ، 12 كۈن داۋاملىشىدىكەن. دۆلەت بايرىمى بىلەن جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش كۈنى بىر-بىرىگە تۇتاشقاچقا، دەم ئېلىش ۋاقتى ئۇزۇن، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى كۈچلۈك، دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇغقان يوقلاش، ساياھەتكە چىقىش ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار يولۇچىلار ئېقىمى گىرەلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى زور بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 147 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 178 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن.
يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ھازىرلىق كۆرۈپ، يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش كۈچى بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ، كۈندىلىك بېلەتنى ئالدىن سېتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن يولۇچىلار ئېقىمى ئېھتىياجىنى مۆلچەرلەپ، «بىر كۈندە بىر خەرىتە بولۇش»نى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، توشۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى مەركەزلەشكەن، يولۇچىلار ئېقىمى كۆپ بولۇپ، يولۇچى دوستلار تۆمۈريول 12306 تور بېكىتى (يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئالدىن دىققەت قىلىپ، نۆۋەتچى پويىز قېتىم سانى، بېلەت سوممىسى ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت تەرەپ يوللىرى ئارقىلىق پويىز بېلىتى سېتىۋېلىپ، ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا ئولتۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇپ، سەپەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى