جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۆزىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، 10-ئايدا شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يولۇچىلارغا قوش بايراملىق سەپەرگە چىقىش پاراۋانلىقى سۇندى.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتى خاڭجوۋ، چېڭدۇ، فۇجوۋ، نەنجىڭ، شېنجېن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شىنجاڭ سىرتىدىكى شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە بۆلىكى ۋە ئۈرۈمچىدىن كېرىيە، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى داڭلىق ساياھەتتە ئالقىشلانغان جايلارغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە بۆلەكلىرىگە چېتىلىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن كېرىيەگە بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك مۇساپە 150 يۈەندىن، خوتەندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك مۇساپە 400 يۈەندىن، شېنجېندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاق يۆلىنىشلىك مۇساپە 600 يۈەندىن، چېڭدۇ تيەنفۇدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك مۇساپە 650 يۈەندىن، گۇاڭجوۋدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك مۇساپە 700 يۈەندىن، خاڭجوۋدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك مۇساپە 750 يۈەندىن باشلىنىدۇ (يۇقىرىقى باھا باج-ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش