سەككىز كۈن دەم ئالىمىز >>>>>
بۇ يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇزاق دەم ئېلىش يېتىپ كەلمەكتە، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش «قوشۇۋېتىلىدۇ»، 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ، سەككىز كۈنلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى ئالتۇن ھەپتىلىك شەكىللىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ھەق ئېلىنمايدۇ >>>>>
دۆلەت ئېلان قىلغان «مۇھىم، چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقىت دائىرىسى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى: ھەقسىز يۈرۈش ۋاقىت بۆلىكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنى(9-ئاينىڭ 29-كۈنى) سائەت 00:00دە باشلىنىدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى(10-ئاينىڭ 6-كۈنى) سائەت 24:00دە ئاخىرلىشىدۇ (ئادەتتىكى تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).
ھەقسىز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللار: ھەقسىز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ دائىرىسى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرىدىغان يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن(يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى بولۇپ، ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان موتوسىكلىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
9-ئاينى ئىشلىتىش سەرپىياتىڭىز
تاياقچىنىڭ بويىلىشىغا ئەگىشىپ
جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭغا كېلىشتىن ئىبارەت
بۇ ئىشنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت بولدىغۇ دەيمەن!
بۇ دەم ئېلىشتا، شىنجاڭغا كېلىڭ >>>>>
شىنجاڭغا كېلىپ
ياز بىلەن كۈزنىڭ گىرەلەشكەن ھالىتىنى كۆرۈڭ
مول ھوسۇل پەسلىنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىڭ
قايناق ناخشا-ئۇسسۇلغا جۆر بولۇڭ
كوچا-رەستىلەردىكى تۇيۇقسىز خۇشاللىقلارنى ئىزدەڭ
كېلىپ، تەدرىجىي رەڭدارلىققا تولۇۋاتقان كۈز پەسلىنى ئىزدەڭ
قاناسنىڭ كۈز تۈسى
كۈز يامغۇرى ۋە كۈز شامىلىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ
پۈتۈن تاغ-ئېدىرلىق ئاستا-ئاستا رەڭدار تۈسكە كىرمەكتە
ناۋادا، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ يەرگە كەلسىڭىز
ياز بىلەن كۈزنىڭ گىرەلەشمىسىدە
كىچىك ياغاچ ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كىچىك بىر پارچە ياپيېشىل چۆپلۈك
ياكى ئالتۇن رەڭ، قىزغۇچ رەڭ يوپۇرماقلارنىڭ تاغ ئورمىنى ئارىسىدا پىلدىرلاپ ئۇسسۇلغا چۈشۈشى
تولغىنىپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان پەسىل بىلەن ھاۋا رايىدا رەڭلىرىنى ئۆزگەرتىشى
بەلكىم سەپىرىڭىزنى بىر مەيدان تۇيۇقسىز خۇشاللىقلارغا تولدۇرىدۇ
▲ قاناس مەنزىرە رايونى سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى: قاناس مەنزىرە رايونى
بېلەت باھاسى: كىرىش بېلىتى + ئارىلىق ئاپتوبۇسى 230 يۈەن/ئادەم
سۈرۈشتۈرۈش تېلېفون نومۇرى: 6326218 __ 0906
كېلىپ، سۇ بىلەن ئاسماننىڭ بىرتۇتاش رەڭگە كىرگەنلىكىنى كۆرۈڭ
كۈزدىكى سايرام كۆلى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز گۈزەل
كۆل سۈيى، ئاسمان ئىلگىرىكىدەك كۆك رەڭدە
ساپ ھەم چوڭقۇر، سۈزۈك ھەم تىنىق
ئەتراپىدىكى ئېگىز تاغ، ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلار، ئالتۇن رەڭ يايلاق قاتارلىق ئوچۇق رەڭلەرنىڭ روشەن گەۋدىلەندۈرۈشىدە
بۇ بىر پارچە كۆل ئۇلار ئارىسىدا سۇسقىنا دولقۇنلىنىپ تىمتاس ياتىدۇ
كىشىگە تۈگىمەس ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئىچىدىن بىر مەھەل جىمجىتلىق ھۇزۇرى بېرىدۇ
▲ سايرام كۆلى مەنرىزە رايونى سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى: «بىر يان تېلېفوننى ئېلىپ سايرام كۆلىنى ساياھەت قىلىش»
ئىشىك بېلىتى: ئاۋات پەسىلدىكى بېلەت باھاسى 70 يۈەن/ئادەم
سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى: 4000919188
كېلىپ، قىزىل جىلغىدا سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىڭ
بىز ھەمىشە ئالتۇن رەڭنى كۈز پەسلىنىڭ ئاساسىي رەڭگى، دەيمىز
كۇچا چوڭ جىلغىسى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدىكى كۈز
ئوتقاشتەك قىزىل
قىزىل رەڭدىكى تىك يارلار قاتمۇقات، بىر-بىرى بىلەن گىرەلەشكەن بولۇپ
سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قىزىقىدىغان قەدەملىرىڭىزنى بۇ يەرگە باشلاڭ
بەزى تاغ چوققىلىرى بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتكەن
بەزى چوققىلار بىر پارچە كەڭ كەتكەن دالىلارغا تۇتاشقان
بەزىدە تىك يار، قىيالار ئۇچرىسا، بەزىدە چوقچىيىپ تۇرغان غەلىتە تاشلار ئۇچرايدۇ
يىراقتىن شېئىرىي تۈس، رەسىملەردىكىدەك مەنزىرە، چۈش كەبى غايىۋى تۇيغۇلارنى بەرسە
يېقىندىن ئادەملەرگە، شەيئىلەرگە ئوخشاپ، نەپىسلىكىنى نامايان قىلىدۇ
▲ كۇچا چوڭ جىلغىسى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى
بېلەت باھاسى: 40 يۈەن
سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى: 13899218556
كېلىپ، ئاستا تۇرمۇش رىتىمى ئېلىپ كەلگەن ھۇزۇرنى ھېس قىلىڭ
قەشقەرنىڭ كۈز كۈنلىرىدىكى مەنزىرىسى
چوڭ-كىچىك كوچا-رەستىلەرگە چېچىلغان
قەدەملىرىڭىزنى ئاستىلىتىپ، بىر چايخانىغا كىرىپ
بىر چەينەك قىزىق چاي بىلەن بىر تەخسە قۇرۇق يەل-يېمىش بۇيرۇتۇپ
ۋە ياكى ناننى ئۇششاق پارچىلاپ چەينەك شورپىسىغا چىلاپ
ياندىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغاچ ياكى ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاچ مەززە قىلىپ
ئەڭ ئازادە تۇيغۇلىرىڭىزدا بۇ كۈزنى كۈتۈۋېلىڭ
▲ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى
بېلەت باھاسى: ھەقسىز
كېلىپ، بىر مەيدان چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى كېچىلىك ساياھەتنى سىناپ بېقىڭ
قەدەمدە بىر مەنزىرە، يولىچە سەرخىل ئويۇن
بىر شەھەردە ئىككى خىل ئۇسلۇب، ھەربىر دۇكاندا بىر ھېكايە
يوتقان قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىنمۇ خاس
خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلالايسىز
گۈل سېتىۋاتقان قىز، تۆگىسىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان سودىگەر، سېرك ئويۇنى كۆرسىتىۋاتقان سەنئەتكار
بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك بۇنداق مەنزىرىنى ئۇچرىتالايسىز
پاراڭلاشسىڭىز، بىللە سۈرەتكە چۈشسىڭىز بولىدۇ
شەھەر قوۋۇقىنى ئېچىش، خوتەندە ناخشا-ئۇسسۇلغا چۈشۈش، يىپەك يولىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تارقىتىش
گىرەلشىپ كەتكەن چىراغ نۇرلىرى ئارىسىدا ئورۇندالغان نادىر نومۇرلار
كۈز كېچىسىدىكى ئەسلىمىلىرىڭىزنى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ
▲ يوتقان قەدىمىي شەھىرى
ئىشىك بېلىتى: ھەر كۈنى سائەت 19:00دىن بۇرۇن مەنزىرە رايونغا ھەقسىز كىرگىلى بولىدۇ، 20:00دىن كېيىن بېلەت ئېلىپ كېچىلىك سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسە بولىدۇ.
سۈرۈشتۈرۈش تېلېفون نومۇرى: 2525888 - 0903
كېلىپ، «ئاقۇچ كۈمۈش رەڭ»نىڭ سالاپىتىدىكى سىرلارنى تېپىڭ
خۇا ۋېي Mate 60 Proنىڭ ئاقۇچ كۈمۈش رەڭ نۇسخىسىغا ئىشلىتىلگەن رەڭنىڭ ئىلھامى
ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بەيشاشەن تېغىدىن كەلگەن
10-ئاينىڭ باشلىرىدا، ھاۋا ئوچۇق بىر كۈننى تاللاپ بۇ يەرگە كەلسىڭىز
كۆكۈچ تاغ گەۋدىسىنىڭ ئاقۇچ قۇم بىلەن قاپلانغانلىقىنى
بەزى جايلىرىنىڭ تولۇق قاپلىنىپ، بەزى جايلىرىنىڭ ئېچىلىپ
ئېگىز-پاكار ھالەتتە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنلىكىنى
ئاپئاق قار، بەيشاشەن تېغى، بەيشاخۇ كۆلىنىڭ بىر-بىرىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز
بۇ تەڭداشسىز گۈزەل كۈز مەنزىرىسى
سەپىرىڭىزنى «ئالدىنقى قاتار»غا ئۆتكۈزىدۇ
▲ بەيشاشەن تېغى
بېلەت باھاسى: 40 يۈەن/ئادەم (نۆۋەتتە ئاۋات پەسىلدە ئىشىك بېلىتى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئىجرا قىلماقتا)
سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى: 17699943009
ئەمدى، بۇ يەردە سىزگە بىر خۇشخەۋەر دەي:
كىرىش بېلىتى ھەقسىز، باغچىغا ئالدىن كېلىشىپ كىرسە بولىدۇ، ئارىلىق ئاپتوبۇس بېلەت باھاسىدا %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ... شىنجاڭدىكى بۇ مەنزىرە رايونلىرى ئۇقتۇرۇش چىقاردى!
◀ ئىلى ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت رايونى جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكى دەم ئېلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە ئويۇنىغا تەييارلىق قىلغاندىن سىرت، يەنە بىر قاتار يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە سەرخىل مەدەنىيەت-ساياھەت لىنىيەلىرى ھەمدە باھاسى خەلققە يېقىن نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويىدۇ. «مەنزىرە رايونىدىكى ئارىلىق ئاپتوبۇس بېلەت باھاسىدا %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ، سەرخىل لىنىيەلەردە يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرى يېرىم باھادىن بەھرىمەن بولىدۇ...» غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما لىيىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر مەنزىرە رايونىمىز تولۇق تەييارلىنىپ بولدى، شۇ چاغدا كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىلىرى، بىر قاتار مول، رەڭدار خەلق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە سەيلە قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.
◀ چىڭگېدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭغار مەدەنىيەت-ساياھەت چەكلىك شىركىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ چىڭگېدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا بارلىق ساياھەتچىلەرگە كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. مەنزىرە رايونى ئىشىكىنىڭ ئېچىلىش-تاقىلىش ۋاقتى 9:30دىن 23:30غىچە.
◀ قاناس گۈەنيۈتەي سۇپىسى مەنزىرە نۇقتىسى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ قاناس ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: قاناس مەنزىرە رايونىدا كۈز پەسلىدە كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، گۈەنيۈتەي سۇپىسىدىكى ياغاچ ئاسما يولغا ئاسانلا قىروۋ ئۈششۈكى چۈشۈپ، ئاسانلا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى پەيدا بولىدۇ. كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ گۈەنيۈتەي سۇپىسى مەنزىرە نۇقتىسىنى بىخەتەر، راۋان سەيلە قىلىپ، قاناس كۆلى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن، 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، گۈەنيۈتەي سۇپىسى مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 10:00دىن 17:30غىچە تەڭشىلىدۇ، كەڭ ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىققاندا ۋاقىتقا دىققەت قىلىپ ساياھەت لىنىيەسىنى تەڭشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كونكرېت ئېچىلىش ۋاقتى قىروۋ ئۈششۈكىنىڭ ئېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ئەگەر سورايدىغىنىڭىز بولسا گۈەنيۈتەي سۇپىسى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 6326218-0906غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.
◀ قاناس مەنزىرە رايونى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونى «قاناس مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن كېلىشىپ باغچىغا كىرىشى توغرىسىدىكى سەمىمىي ئەسكەرتمە»نى ئېلان قىلدى، يېقىندا قاناس مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تېز كۆپىيىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى قوبۇل قىلىش مىقدارىغا يەتتى، سەيلە-ساياھەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ۋاقتىغا ئاساسەن ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىپ، سەيلە قىلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاللىغان سەيلە قىلىش ۋاقتى بويىچە باغچىغا كىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
(مەنبەسى: ئانار بۇلۇت تېرمىنالى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەت ئىنكاس ئەرزى، ئىلى گېزىتى گۈزەل ئىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇغۇرما تارتقۇسى، قاناس نۆل ئارىلىق)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش