ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 182 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.42 ئاشقان؛ ياراتقان ساياھەت كىرىمى 189 مىليارد 688 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111.42 ئاشقان.
6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
6- ئاينىڭ 12- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتى جەمئىي 11 مىليون 516 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.48 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 8 مىليارد 596 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %114.67 ئاشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ شۈ فوتوسى
7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن شەھىرى يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە ئارتىسلارنىڭ نومۇرىنى كۆرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت داڭلىق ماركىسى بارغانسېرى جۇلالاندى.
8-ئاينىڭ 6- كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بەس-بەستە كېلىپ، بوغدا كۆلىنىڭ كۆركەم، گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى. ۋېي شىنجياڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا تۆگىگە مىنىپ ساياھەت قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 8-ئاي كىرىشى بىلەن، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى، ساياھەتچىلەر قۇملۇق ۋە زۇمرەتتەك سۇلار ئارىسىدا تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن خۇشال بەھرىمەن بولدى. ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. سۈن مىڭلياڭ فوتوسى
بۇ يىلقى قار - مۇز پەسلىدە، شىنجاڭدىكى S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرى جەمئىي 2 مىليون 72 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 229 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى. ھەرقايسى جايلار قار - مۇز بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، قار - مۇز كەسپى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، بايرام - تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى قىشلىق ساياھەتكە كىرگۈزۈپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىگە ئېقىمغا ماس كېلىدىغان ھاياتىي كۈچ قوشتى.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئېمىل قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت
باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. جەي تىڭفېي فوتوسى
ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى. چېن ياڭ فوتوسى
خاسلىق ۋە مەدەنىيەت پۇرىقىغا باي بولغان يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىجىل يارىتىلىپ، ساياھەتنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ھەرقايسى جايلار ساياھەت مەنزىرە يولى ۋە مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا يېزا - كەنت ساياھىتى بويىچە نۇقتىلىق كەنتلەرنى پائال قۇرۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتى كەسىپ بەلبېغىنى بەرپا قىلىپ، «رەسساملار كەنتى» «يازغۇچىلار كەنتى» قاتارلىق روشەن خاسلىققا ئىگە بىر تۈركۈم ساياھەت كەنتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. قورغاس ناھىيەسى ئۈستىقۇددۇس بازىسىغا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى مىليون مولۇق قىچا چېچىكى دېڭىزىغا، ئارشاڭ ناھىيەسى خۇشبۇي رەيھانغا تايىنىپ، سەھرا ساياھىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2023 - يىل 2 - قارارلىق «يېزا - كەنتلەرنىڭ تۆت پەسىلدىكى گۈزەل مەنزىرىسى» مەملىكەتلىك يېزا - كەنت ساياھىتى بويىچە 143 سەر خىل لىنىيەگە شىنجاڭنىڭ «قومۇل قوغۇنى ماكانى − شېرىن سەپەر» قاتارلىق سەككىز لىنىيەسى تاللاپ كىرگۈزۈلدى.
قەشقەر شەھىرى ئىپارخان مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا. ۋاڭ جېن فوتوسى
4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر قومۇل لۇڭما كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا پىرقىرىما ئۇچار ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ ئوينىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا سۇدا ئوينىماقتا. 6- ئاي كىرىشى بىلەن، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، كۈنىگە 2000 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى. نيەن لېي فوتوسى
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تاماشىبىننى تىياتىرخانىغا كىرىشكە جەلپ قىلدى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تاماشىبىننى سەنئەت ئورنى، گۈزەل سەنئەت سارىيىغا كىرىشكە جەلپ قىلدى؛ ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2023 «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە، كۈتۈۋېلىنغان ئېكسكۇرسىيەچى جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ ئۈرۈمچى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلار چوڭ تىپتىكى دالا مۇزىكا بايرىمىنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزدى، ھەربىر مەيدان ئادەم بىلەن لىق تولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار 100 مەيداندىن ئارتۇق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت قوش يۆنىلىشتە جانلىنىۋاتقان قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىسىنى جانلىق نامايان قىلدى.
6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان نۇرغۇن ساياھەتچى كۇچا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن يولغا چىقىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا، خىزمەتچى خادىملار مېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى)
7- ئاينىڭ 20- كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا مەنزىرە تاماشاسى قىلماقتا. تومۇز يازدا، مايتاغ- كۇچا تاشيولى ساياھەتچى ئېقىمى يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، يول بويىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەتچى ناھايىتى كۆپ بولدى. ۋاڭ خۇڭلى فوتوسى
بۇ يىل ياز مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي تارقالدى. قاناس مەنزىرە رايونى 3 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى 2019 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 90 كۈن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى؛ 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 18گىچە، نارات مەنزىرە رايونى بۇ يىل جەمئىي 2 مىليون 10 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى؛ قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 8 - ئايدا مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا كۈنىگە 54 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قېتىم كىرىپ - چىقىپ، يۇقىرى سەۋىيە سىجىل ساقلانغان.
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. كەچ كىرىپ، رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلدى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، شوخ ناخشا-ئۇسسۇللار، بېرىلىپ ئوينالغان ئويۇنلار، تاتلىق مېۋە -چېۋىلەر، ئىسسىق تونۇر كاۋاپلىرى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىدىن ... ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىغا يىغىلىپ، مال سېتىۋېلىپ، ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ، يىپەك يولى ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندى. ھازىر، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ كۈندىلىك ساياھەتچى ئېقىمى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. (تىيانشان تورى \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە. تىيانشان تورى\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
«ئانار گۈلى كوچىسى» شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ C رايونىغا جايلاشقان. بۇ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش كوچىسى بولۇپ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئارتىسلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى پىيادىلەر كوچىسىدىكى «ئانار گۈلى كوچىسى»دا چىرايلىق جابدۇنۇپ ئويۇن قويماقتا. جاڭ شيۇكې فوتوسى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش