ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى) «قوش بايرام»نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يۇمشاق، قاتتىق دېتال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل قىياپەتكە كىردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىك ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ساياھەت قىلىپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىل 8- ئايدا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى 1 مىليون 230 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بىر ئايدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كىرمەكتە.
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچى قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىدا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى سېلىشتۇرما سۈرەتلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت نامايان قىلىشنى كۆرمەكتە.
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا ساياھەت قىلماقتا.
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارنىڭ پىشۇرۇلۇش جەريانىنى كۆرمەكتە.
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش