دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، ئويۇن كۆرۈش، مودەنگۈل تاماشا قىلىش... ياز كۈنلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرى گۈزەل مەنزىرە
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-06-02 12:48:38

  5-ئاي كۈنلىرىدە يېڭىلا يىتىپ كەلگەن ياز پەسلىدە

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالساق

  ھەر قايسى يوللارنىڭ گۈزەللىكى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز

  قېنى تېز كېلىپ ھۇزۇر ئېلىڭ ~

5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيخۇايۇەن گۈللۈكىدە گۈل سەيلىسى قىلماقتا. يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شىسى راكېتا دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بەيخۇايۇەن گۈللۈكىدە تېرىلغان مودەنگۈل ۋە چوغلۇق گۈللىرى ئارقا-ئارقىدىن ھۈپپىدە ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ گۈل تاماشاسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

 پولات نىياز فوتوسى

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇنجاچى نېرۇ بازىرىدىكى چوغلۇق گۈلى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. بۇ ناھىيە «ساياھەت + » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دىڭبىڭ گۈلى، ئۆرۈك چېچىكى، ئەتىرگۈل، چوغلۇق گۈلى قاتارلىقلارنىڭ گۈل ئېچىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق چۆرىدەپ، گۈلنى ۋاسىتە قىلىپ، بايرامدا دوستلارنى ئۇچراشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى گۈل سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇنجاچى نېرۇ بازىرى چۇغلۇق گۈلى مەنزىرە رايونىدا گۈل سەيلىسى قىلماقتا. بۇ ناھىيە «ساياھەت + » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دىڭبىڭ گۈلى، ئۆرۈك چېچىكى، ئەتىرگۈل، چوغلۇق گۈلى قاتارلىقلارنىڭ گۈل ئېچىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق چۆرىدەپ، گۈلنى ۋاسىتە قىلىپ، بايرامدا دوستلارنى ئۇچراشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى گۈل سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە. ياز كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تۇدۇڭخابا دەريا ۋادىسى ئورمان باغچىسى يېشىللىققا پۈركىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

ياڭ بىن فوتوسى

5-ئاينىڭ 26-كۈنى، «يىقىلماس قونچاقسىمان ھەقىقىي ئادەم» ساياھەتچىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا. ياز كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تۇدۇڭخابا دەريا ۋادىسى ئورمان باغچىسى يېشىللىققا پۈركىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

ياڭ بىن فوتوسى

5-ئاينىڭ 27-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى دۇڭخۇ كۆلى باغچىسىنىڭ كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارنى تېتىماقتا. باش يازدا، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۇڭخۇ باغچىسىغا جايلاشقان شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى بۇ يەرگە كېلىپ كېچىلىك مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا، مەززىلىك تائاملارنى تېتىشقا، ياز كۈنلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا جەلپ قىلدى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش