ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ۋىلايەت دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش، 2023 ـ يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئارقىلىق ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىكەن.
ۋىلايەت باي ناھىيەسى قىزىل مىڭئۆيىنى سۇبيېكىت قىلىپ، كۇچا شەھىرىنىڭ قۇمتۇرا مىڭئۆيى بىلەن بىرلىشىپ، قىزىل مىڭئۆيى توپى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ؛ كۇچا شەھىرى، باي ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، قىزىل مىڭئۆي، قىزىلقاغا تۇرى، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن ئىبارەت ئۈچ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى جايى ۋە ئەتراپتىكى مىڭئۆي ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۈسەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھەت مەنزىلىنى ئومۇمىي جەھەتتىن بەرپا قىلىدۇ.
ۋىلايەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ھېس قىلىش سارىيى قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھېس قىلىش سارىيى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاقسۇ شەھىرىدە 2023 ـ يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى، ۋىلايىتىمىز بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ۋىلايەت مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئېلانىنى قويۇپ، «تىيانشاندىكى سىرلىق چوققا تومۇر چوققىسى، تارىم دەرياسىدىكى مەرۋايىت ئاقسۇ»دىن ئىبارەت مەدەنىيەت ـ ساياھەت ماركىسىنىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچىنى زورايتىشنى قارار قىلدى.
ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن چاڭ يۈشۈەن، جۇ لېي يىغىنغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش