دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بىڭتۇەن گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى مېۋىلەر مەي باغلىغان جەلپكار شىنجاڭ | باھار بالدۇر كېلىدىغان تۇرپاندا ئۈجمىلەر مەي باغلاپ پىشتى 2023 - يىللىق شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدا پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى ۋىلايەت مىللەت ـ دىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كوللېكتىپ ۋە يەتتە شەخس ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

كۇچا شەھىرى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاشنى كۈتۈۋېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-31 12:27:49

    ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى، كۇچا شەھىرى يول قاتنىشى، مەنزىرە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ساياھەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر، قولاي، راھەت سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 

    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تەلەمەت داۋىنى تونېلىدا خىزمەتچى خادىملار تونېل ئىچىگە كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتتى ۋە تەڭشىدى. تەلەمەت يول ئاسراش پونكىتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يولدىكى بارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇش تۈرى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن ئىلگىرى تاماملىنىپ، يول يۈزى، كۆۋرۈك تونېلى خەۋپ-خەتىرى ھەمدە تاغ گەۋدىسىدىن تاش چۈشۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئو ئاپەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىپ تىزگىنلىنىدىكەن. 

     ئۇنىڭدىن باشقا، كۇچا شەھىرى خەۋەرلىشىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغاچقا، قاتار كەتكەن خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتلىرى تاشيول بويىدىكى تىك يارلاردا قەد كۆتۈردى، سىمسىز تور يەتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا يىراقتىكى دوستلىرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى مەنزىرىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ بىخەتەرلىكى، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئازادىلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. تاشيول بويىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى، مۇھىت قوغداش ئاممىۋى ھاجەتخانىسى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇقلاندى، مۇلازىمەت رايونىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ، ساياھەتچىلەر يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ئىستىراھەت، مەنزىرە رايونى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى تىرىشىپ بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن كەڭ ساياھەتچىلەر تېخىمۇ قولايلىق، ئازادە بولغان ساياھەت يېڭى ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلەندى.

(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇڭلى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش