دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بىڭتۇەن گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى مېۋىلەر مەي باغلىغان جەلپكار شىنجاڭ | باھار بالدۇر كېلىدىغان تۇرپاندا ئۈجمىلەر مەي باغلاپ پىشتى 2023 - يىللىق شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدا پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى ۋىلايەت مىللەت ـ دىن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋىلايىتىمىزدىن ئالتە كوللېكتىپ ۋە يەتتە شەخس ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

2023-يىللىق شىنجاڭ ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش كاتتا مەرىكىسى تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-31 12:23:09

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جيا چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، «قالتىس شىنجاڭنى مەن سۆزلەي  2023-يىللىق شىنجاڭ ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇسابىقىسى»دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار تۇرپان شەھىرىدىكى يارغول قەدىمىي شەھىرىگە جەم بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش كاتتا مەرىكىسىگە قاتناشتى. نەق مەيداندا «ئەڭ ياخشى ئالقىشلىنىش مۇكاپاتى» «ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش مۇكاپاتى» «ئەڭ ياخشى ئوبراز مۇكاپاتى» تارقىتىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ساياھەت يېتەكچىسى، ئالتۇن دەرىجىلىك ساياھەت يېتەكچىسى، كۈمۈش دەرىجىلىك ساياھەت يېتەكچىسى، مىس دەرىجىلىك ساياھەت يېتەكچىلىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى ھەمدە «تور تەشۋىقات ئەلچىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

ماھىرلار «قالتىس شىنجاڭنى مەن سۆزلەي  2023 شىنجاڭ ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇسابىقىسى»گە قاتناشماقتا.
سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەمىنلىگەن  

      مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدانىدا، شىنجاڭلىق ناخشىچى گاگا، تۇرغۇنجان «گۈزەل شىنجاڭ ياخشى جاي» «ماي ئېيىدىكى جىگدە گۈلى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتتى؛ خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنگۇل مەتتوختى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىپ ھاكىمخان، توققۇزتارا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىنكار باقىتكەلدى، تور دارىنى لى چياۋ ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇردى ۋە تەشۋىق قىلدى. 

     ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ساياھەت يېتەكچىلىرى(چۈشەندۈرگۈچىلىرى) مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت بىر تۈركۈم كەسپىي مەدەنىيەت-ساياھەت تەشۋىقاتچىلىرى، تارقاتقۇچىلىرى، چۈشەندۈرگۈچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تەسىرلىك ئاۋاز، چوڭقۇر بايانلار ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا تارىخى مەدەنىيەت ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش