دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى غەربىي شىمالدىكى تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» ئېچىلدى 2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى شىنجاڭلىق لو بياۋ ئىككىنچى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقتى «قىزىل يۇلتۇز چاقنايدۇ، بالىلىق قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئىيۇن» كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ئېتىبار سىياسەت ئېلان قىلدى: ساياھەتچىلەر ئىككىنچى قېتىم مەنزىرە رايونىغا كىرسە، ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا بولىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-29 17:04:52

   قەدىرلىك ساياھەتچى دوستلار، يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە كىرىدۇ، سىزنىڭ كۆڭۈللۈك، ئازادە ساياھەت قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى مۇنۇلارنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ:

   كىرىش بېلىتى ھەقسىز، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار بېرىلىدۇ 

   تۆۋەندىكى كىشىلەر ئالاقىدار كىنىشكىلىرى بىلەن كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇش، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ:

  (1) 6 ياشتىن تۆۋەن (6 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر (1.3 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بالىلار.

  (2) 65 ياشتىن ئاشقان (65 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشانغانلار. [60 ياشتىن (60 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 65 ياشقىچە (65 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولغان ياشانغانلاردىن خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار بايرىمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار بايرىمى مەزگىلىدە كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ].

  (3) 2-ئەۋلاد مېيىپلىق كىنىشكىسى بارلار «مېيىپلەرنىڭ مېيىپلىق تۈرى ۋە دەرىجىسى» (2010-26341 GB╱T ) بويىچە ئالتە تۈردىكى (كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئەقىل، پۇت-قول، روھى) مېيىپلەر يەنى 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغانلار.

  (4) كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى بار ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، مېيىپ ھەربىيلەر، مېيىپ خەلق ساقچىلىرى، كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى بار ئوت مۇداپىئە-قۇتقۇزۇش خادىملىرى (خىزمەتتىكى، پېنسىيەگە چىققان، مېيىپ ۋە ئوت مۇداپىئە-قۇتقۇزۇش مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساقچى كىنىشكىسى بار خىزمەتتىكى خەلق ساقچىلىرى قاتارلىقلار.

  كىرىش بېلىتى يېرىم باھا، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە تولۇق ئېتىبار بېرىلىدۇ

  تۆۋەندىكى كىشىلەر ئالاقىدار كىنىشكىلەرگە ئاساسەن كىرىش بېلىتى، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە تولۇق ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ:

  (1) ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلار (قىسىم تارقاتقان ئالاقىدار كىنىشكىلەرنى ئاساس قىلسا بولىدۇ).

  (2) ئالتە تۈر بويىچە 4-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ باھالانغان مېيىپلەر.

  (3) بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن يۇقىرى بالىلار ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن (18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر.

  (4) پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى داشۆنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار.

   بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىغا ئىككىنچى قېتىم كىرگۈچىلەرگە ئېتىبار بېرىلىدۇ

   ئىككىنچى قېتىم مەنزىرە رايونىغا كىرگەن ساياھەتچىلەر ئىناۋەتلىك كىنىشكىسىنى ئېلىپ ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بېرىپ تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرسا، كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھالىق (ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتى نورمال باھادا سېتىلىدۇ) ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

   مەنزىرە رايونىنىڭ باشقا بەلگىلىمىلىرى

  (1) شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەر شياڭگاڭ، ئاۋمېن يول خېتى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار كىنىشكىسى بىلەن مەنزىرە رايونىغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە سەيلە قىلسا بولىدۇ.

  (2) مەنزىرە رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەرمەك ھايۋانلارنى مەنزىرە رايونىغا ئېلىپ كىرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، «يولۇچىلار تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى»نىڭ 52-ماددىسى 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھايۋانات ۋە ئاممىۋى تازىلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان (غەيرىي پۇراقلىق) بۇيۇملار توشۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدىغان يۈك-تاق ھېسابلىنىدۇ، ئەرمەك ھايۋانلارنى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئېلىپ چىقىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  (3) بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەت دەرىجىلىك ئاققۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە تىيانشان دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى، ئاققۇ قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان قۇشلارنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇچۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

  مەنزىرە رايونىنىڭ 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تېلېفونى

  مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 5350195-0996

  قۇتقۇزۇش تېلېفونى: 5350199-0996

  ئەرز قىلىش تېلېفونى: 5350198-0996

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش