دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش «پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى ۋىلايىتىمىزدە ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى 2023 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

5 مىليون 900 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم) گۈزەل ئاقسۇنى ساياھەت قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:16:33

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ۋىلايىتىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 5 مىليون 900 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.11 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىكتىن يارىتىلغان كىرىم 3 مىليارد 465 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.68 ئاشقان.  

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت مەدەنىيەت ـ ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرىغا قاتنىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاقسۇنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت داڭقى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەبىئىي مۇھىت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ماركىلىق مۇسابىقىدىن پايدىلىنىپ، «مۇسابىقە + ساياھەت»نىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

4 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرى ۋە ساياھەت كارخانىلىرى پائال ھەرىكەتلەندى، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئەتىيازنى باش تېما قىلغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ مەنزىرىلەرنى سەيلە قىلىش، ئويناشقا جەلپ قىلدى. 4 ـ ئايدا، ۋىلايەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 782 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.36 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىكتىن يارىتىلغان كىرىم 1 مىليارد 82 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92.79 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش