5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى كەچلىك بازاردا كىشىلەر مىغ-مىغ بولۇپ، خېرىدار چاقىرغان، ماللارنى داڭلىغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىن زوكۇن فوتوسى
5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتىدىكى كەچلىك بازارنىڭ مەززىلىك تائاملار رايونىدا مەززىلىك پۇراق ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ تېتىپ باقماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جىن زوكۇن، ھەبىبە خەۋىرى) تۈن پەردىسى ئاستا-ئاستا يېيىلغاندا، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى كەچلىك بازار بۇ يەردىكى ئەڭ «چاقناپ تۇرىدىغان» يۇلتۇزغا ئايلاندى. ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار ۋە شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بىر ئىستاكان سوغۇق ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ، يەرلىكنىڭ نەچچە زىخ خاس كاۋىپىنى تېتىپ، مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلاردىن سوۋغاتلىق سېتىۋېلىپ، قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە شۇ جاينىڭ «كېچىلىك ئىقتىسادى»نى جانلاندۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ سودا كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا 60 نەچچە يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 2000دىن ئارتۇق ئادەم بۇ يەردە كېچىلىك تۇرمۇشىنى باشلايدىكەن. كاۋاپ نان، كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى قاتارلىق مەززىلىك تائاملار ھەمدە تۈرلۈك ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلماقتا.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى كەچلىك بازاردا سوۋغات سېتىۋالماقتا. شۇ كۈنى، بۇ يەردە بىر مەيدان كىچىك تىپتىكى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» بازىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىن زوكۇن فوتوسى
5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى كەچلىك بازاردا، بىر مەيدان مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇللار ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىن زوكۇن فوتوسى
5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى كەچلىك بازاردا مەززىلىك تائاملارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى