2023-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
13-قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»
بۇ يىلقى جۇڭگو ساياھەت كۈنىنىڭ باش تېمىسى
«گۈزەل جۇڭگو، بەخت سەپىرى»
.......
سىزنىڭ گۈزەل جۇڭگونىڭ
ھەيۋەتلىك تاغۇ دەريالىرى
جەلىپكار باغۇ بوستانلىرىدا ساياھەت قىلىپ
تەبىئەت قوينىدا سونايلىنىپ
بەختنى چىن مەنىسىدىن ھېس قىلغۇڭىز بارمۇ؟
......
قېنى ئەمىسە بىزگە ئەگىشىپ
گۈزەل جۇڭگونىڭ شىنجاڭىنى بىللە ساياھەت قىلىڭ!
ھاۋا ئىسسىپ، ھەممە يەر يېشىللىققا، خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركەندى، شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ساياھەت پەسلى يېتىپ كەلدى. قېنى بىزگە ئەگىشىپ سۇلار شارقىراپ ئېقىپ، گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان، قۇشلار ئەركىن سايرىشىپ، ئەمگەك ناخشىسى ياڭرىغان ھەقىقىي بەختىيار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىڭ.
بۈگۈنكى ساياھەت لىنىيەلىرىمىزدە بىز بىرلىكتە 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگەن شىنجاڭدىكى بەش جاينى ساياھەت قىلايلى!
مەدەنىي ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى مەدەنىي ساياھەت قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇش، ساياھەتچىلەرنى يېتەكلەش ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرىنى مەدەنىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەربىيەلەش، تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ بەش ئورۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس مەنزىرە رايونى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نارات مەنزىرە رايونى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى.