2023-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 13-قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، بۇ يىلقى جۇڭگو ساياھەت كۈنىنىڭ باش تېمىسى ‹گۈزەل جۇڭگو، بەخت سەپىرى› بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 100 خىلدىن ئارتۇق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ئۇنداقتا، بۇ يىلقى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»دە قانداق ئوينايمىز؟
. «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ۋە باشلىنىش مۇراسىمى
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11:40-10:30گىچە
. پائالىيەت ئورنى: لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى
2023-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 13-قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «5.19 جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شۆبە يىغىن مەيدانى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە تەسىس قىلىندى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، «يىپەك يولىدىكى تاغ-دەريالار ھەيۋەتلىك، گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى»، «لوپنۇردا <گۈزەللىكنى ئۇچرىتىش> سىزدىن يىراق ئەمەس» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى لوپنۇردا ئوينىلىدۇ.
. «جۇڭگو ساياھەت كۈنى . جۇڭگو سوۋغىسى» بايىنغولىن ساياھەت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 22:00-20:00گىچە
. پائالىيەت ئورنى: لوپنۇر ناھىيەسى قىزىل داشى ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قىزىل داشى ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونىدا، «جۇڭگو سوۋغىسى» بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش مەخسۇس رايونى قۇرۇلۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ساياھەت تاۋارلىرى تەرەققىيات نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ ۋە تونۇشتۇرۇلىدۇ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قېزىلىپ، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئوبرازى نامايان قىلىنىدۇ ۋە تەشۋىق قىلىنىدۇ.
. «چېگرا رايوندىكى قەدىمىي ئاھاڭ يىپەك يولىدىكى يېڭى ناخشا» بايىنغولىن ئوبلاستى غەيرىي مەدەنىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت-ساياھەت كۆرگەزمىسى
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە
. پائالىيەت ئورنى: لوپنۇر ناھىيەسى قىزىل داشى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى
قىزىل داشى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىكى دۇڭشاشەن قۇمتېغىنى ساياھەت قىلىش، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھەت-مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش، بۇ، ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئويۇنى كۆرگەزمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
. «مېنىڭ نەزەرىمدىكى بايىنغولىن ئوبلاستى» بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھۆسنخەت، رەسىم، سۈرەتكە تارتىش، قەغەز قىيما ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە
. پائالىيەت ئورنى: لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەركىزىي رايونىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كارىدورى
. «يىپەك يولىدىكى تاغ-دەريالار ھەيۋەتلىك، گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى» مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى سەييارە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 20:00-10:00گىچە
. پائالىيەت ئورنى: دۇڭشاشەن قۇمتېغى
سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەدەنىيەت-ساياھەت ئاۋازى
. گۈلخان يېقىپ دالىدا قونۇش
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە
. پائالىيەت ئورنى: دۇڭشاشەن قۇمتېغى
سۈرەت مەنبەسى: لوپنۇر نۆل ئارىلىق
ناخشا-ئۇسسۇل، مەشرەپ، گۈلخان شادلىقى، كېچىدە قونۇشنى ھېس قىلىش... پائالىيەتتە ساياھەتچىلەر چېدىرلىرىنى ئېلىپ قۇملۇققا بېرىپ، قۇم دېڭىزىغا يوشۇرۇنغان كۆپكۆك دېڭىز، قۇملۇق ئوراپ تۇرغان ئورمان، سۇلۇق يەرگە نەقىشلەنگەن قۇملۇق، قەدىمىي كەنتنى ئوراپ تۇرغان قۇم دېڭىزى ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان گۈزەل مەنزىرىنى ھېس قىلالايدۇ.
. كوللېكتىپ توي مۇراسىمى پائالىيىتى
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
. پائالىيەت ئورنى: لوپنۇر ناھىيەسى
سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەدەنىيەت-ساياھەت ئاۋازى
. يېزا-كەنت ساياھىتىنى ھېس قىلىش
. پائالىيەت ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە
. پائالىيەت ئورنى: لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-كەنتلەر
سۈرەت مەنبەسى: لوپنۇر نۆل ئارىلىق
يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەردە ئۈزۈش، مىنىش، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار، تەتقىقات-ئۆگىنىش، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنىپ، يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ.
سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
سۈرەت مەنبەسى: ۋېي شىنجاڭ (微新疆)
. ئۈرۈمچى
سۈرەت مەنبەسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى
. 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا سېرك ئويۇنى كۆرۈش؛
بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر ياكى بىر مېتىردىن تۆۋەن بولغان بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا كىرىپ كۆرسە بولىدۇ.
. 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ليۇمۇ بەنشوۋ ئىجادىيەت باغچىسىدا ئەتىياز پەسىللىك ياۋا كۆكتاتلارنى تونۇش، ياۋا كۆكتات ئۈزۈش، ئۆسۈملۈك بويىقى، كاۋاپ، تۇخۇم تېرىش، ساۋمېي تېرىش، قولياغلىق بوياش، رەختلەرنى بوياش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ، باھادا %10 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
. 2023-يىلى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا «يىپەك يولى مىڭ يىللىق تەسىرات» قويۇلىدۇ، ئىشىك بېلىتى %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
نىلقا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى، قاراجون مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى شوربۇلاق ھاراق مەدەنىيىتى بازىرى، نارات مەنزىرە رايونى، نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئىلى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شاتا مەنزىرە رايونى، تۇلپار ساياھەت-مەدەنىيەت باغچىسى مەنزىرە رايونى، سۇلۇق يەر باغچىسى مەنزىرە رايونى، شېڭيوۋمياۋ مەنزىرە رايونى، زىيالىي ياشلار سارىيى مەنزىرە رايونى، يايلاق تاش ئادەم مەنزىرە رايونى، تۇلپار مەدەنىيەت مۇزېيى، سۇ غارى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، مەنزىرە رايونى ئىچىدە ئارىلىق ئاپتوموبىلىدىن نورمال ھەق ئېلىنىدۇ؛ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى بارلىق ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا باھادا %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلاردا باھادا %12 ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئويۇن-تاماشا تۈرىدە بىر ئادەم 99 يۈەن بىلەن ئالتە تۈرنى قانغۇچە ئوينىسا بولىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، نىلقا ناھىيەسى سۇلۇق يەر توغراق مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، قورغاس ناھىيەسى تۈكە قۇملۇقى، جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ جېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئىلى ئوبلاستى ئاھالىلىرىگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ (كىملىك ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىدۇ)، 10 كىشلىكتىن يۇقىرى (10 كىشلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىللە سەپەرگە چىققانلارغا قارىتا ھەقسىز چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇ؛ خۇييۈەن قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى قورغاس ناھىيەسى ئاھالىلىرىگە قارىتا يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ (كىملىك ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىدۇ)؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، غۇلجا شەھىرى قازانچى، ئالتە شوئار كوچىسى، ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى بارلىق ھېس قىلىش تۈرىدىكى ساياھەت تۈرلىرىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ؛
. 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، توققۇزتارا ناھىيەسى كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى، چاشى مەنزىرە رايونلىرىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن بىردەك ھەق ئېلىنمايدۇ؛ 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئىلى ئوبلاستى ئاھالىلىرىگە قارىتا يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ (كىملىك ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىدۇ)؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، قورغاس جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ قورغاس شەھىرى كۆكدالا يايلىقىنىڭ كېچىسى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ قورغاس دۆلەت دەرۋازىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئىشىك بېلىتى قورغاس شەھىرى ئاھالىلىرىگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ (كىملىك ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىدۇ)؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، تېكەس ناھىيەسى تەيجىيەن مەنزىرە رايونى مەنزىرە كۆرۈش چاقپىلىكى تۈرىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئېتىبار قىلىنىدۇ، ھەربىر ئادەم 50 يۈەن (ئەسلىي باھاسى ھەربىر ئادەم 120 يۈەن)؛
. شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئادىمىيەت كارتون IP − «ناراتتا ئۇچرىشىش» 5-ئاينىڭ 19-كۈنى نامايان بولىدۇ؛
«ناراتتا ئۇچرىشىش»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمى 24 قىسىم بولۇپ، ھەربىر قىسمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت مىنۇت ئەتراپىدا. پۈتۈن ئەسەردە باش قەھرىمان بوبېك ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ نارات يايلىقىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان. فىلىمدىكى بارلىق مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنغان، ئىجادىيەت مەزمۇنىنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى يايلاقنىڭ تۆت پەسلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى سۈرەتلەش بىلەن بىللە، فىلىمدە يەنە يايلاق خاسلىقىغا ئىگە مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئەدەبىيات، رەسساملىق، كىيىم-كېچەك، مەززىلىك تائام قاتارلىق ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى بار.
كارتوندا سۈرەتكە ئېلىنغان يايلاق.
ئەتىياز پەسلىدىكى ناراتتا، قار-مۇزلار پۈتۈنلەي ئېرىپ بولالمىغان بولۇپ، ياۋا گۈلسامساقلار يېڭى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان يايلاقنى بىر ئالىدۇ، ياۋا گۈلسامساقلار مۇز يېرىپ چىققاندىن باشلاپ، نارات يايلىقىغا باھارنىڭ قەدىمى يېتىپ كېلىدۇ؛
ياڭ شياۋچيەن فوتوسى
ياز كۈنلىرىدىكى نارات خۇددى كۆز يەتكۈسىز قېلىن يېشىل گىلەمگە ئوخشايدۇ، كالا، قوي پادىلىرى يايلاقنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئوتلاپ يۈرىدۇ، چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرى خۇددى يۇلتۇزلاردەك يايلاقتا چېچىلىپ تۇرىدۇ.
سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ نارات دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى
كۈز كۈنلىرىدە نارات يايلىقىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ سېرىق، قىزىل، يېشىل رەڭدە بويالغان دەرەخ يوپۇرماقلىرى كۈزدىكى ئاق قارلار بىلەن گىرەلىشىپ خۇددى بىر پارچە رەڭگارەڭ ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ.
ۋاڭ شياتيەن فوتوسى
قىش كۈنلىرىدە ناراتتا قار قاتتىق يېغىپ ھەممە يەر كۈمۈش رەڭ بىلەن قاپلىنىدۇ، كەڭ دالا تېخىمۇ كۆز يەتكۈسىز تۈسكە كىرىپ، دەرەخلەردىكى قىروۋ، قارلىق چوققىلار، قاتمۇقات تاغلار، ئورمانلىقلار خۇددى بىر پارچە سىياھ رەسىمگىلا ئوخشاپ قالىدۇ.
سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ نارات دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى
. تارباغاتاي ۋىلايىتى
ماتېرىيال سۈرەت
. تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ؛
. ئالتاي ۋىلايىتى
سۈرەت مەنبەسى: كۆكتوقاي ساياھىتى (富蕴旅游)
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالتاي شەھىرى تاڭباخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئالتاي شەھىرى 500 چاقىرىملىق مەنزىرە كوچىسىدا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىدۇ؛ ئالتاي شەھەرلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيى ھەقسىز ئېچىلىۋېتىلىدۇ.
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال دۆلەت كان باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. قاراماي شەھىرى
سۈرەت مەنبەسى: قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت ئىدارىسى
. مايتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى مەنزىرە كۆرۈش بېلىتى 30 يۈەن، ئەينەك كۆۋرۈك يۈرۈشلۈك بېلىتى 100 يۈەن، بۇ، ئىشىك بېلىتى ۋە ئەينەك كۆۋرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كۆرۈش بېلىتى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر: بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىردىن تۆۋەن بالىلار، 70 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشلىق ياشانغانلار، ھەربىيلەر (ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر)، مېيىپلىق دەرىجىسى 1-دەرىجىدىن 3-دەرىجىگىچە بولغان مېيىپلەر، مۇخبىرلىق كىنىشكىسى، فوتوگرافلىق كىنىشكىسى، ئۆمەككە ئەگىشىپ ساياھەت يېتەكچىسىلىك قىلىش كىنىشكىسى، ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ تاكسى ھەيدەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش كىنىشكىسى قاتارلىق كىنىشكىلىرى بارلار؛ ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىلىدىغان كىشىلەر: بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە بولغان بالىلار، 60 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ياشانغانلار، مېيىپلىق دەرىجىسى 4-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان مېيىپلەر (4-دەرىجىلىك مېيىپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بارلار؛ كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق كىشىلەر، چوقۇم كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
. 5-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئورقۇ رايونىدىكى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»دا يۈرۈشلۈك بېلەتلەرگە قارىتا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
ماتېرىيال سۈرەت
. 2023-يىلى، ئالاتاۋ پورتى مەركىزىي شەھەر كۆرگەزمىخانىسىنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا بولىدۇ، ئالاتاۋ پورتى مەركىزىي تەنتەربىيە سارىيى، ئالاتاۋ شەھىرىدىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.
. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، جىڭ ناھىيەسىدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.
. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
ماتېرىيال سۈرەت
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ماناس ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى يەنفېيتەي مەنزىرە رايونى سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ؛ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ماناس ناھىيەلىك دۆلەت ئورمان باغچىسى شېنيۈتەي مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى جىمىسار ناھىيەسى ئاھالىلىرىگە قارىتا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، باشقا كىشىلەرگە ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ، ھەربىر ئادەم 20 يۈەن؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۇشى توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەچۈرۈم قىلىدۇ؛
. قومۇل شەھىرى
سۈرەت مەنبەسى: باركۆل نۆل ئارىلىق
. 2023-يىلى، قومۇل شەھىرى شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونىدا يۈرۈشلۈك بېلەت باھاسى ھەربىر ئادەم 49 يۈەن.
. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
نيەن لېي فوتوسى
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەردىن مەنزىرە كۆرۈش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئىستېمالدا ئېتىبار بېرىش بېلىتى تارقىتىلىدۇ، ئائىلىۋى مېھمانخانىلار، ياتاقلاردا ساياھەتچىلەرگە مەنزىرە رايونىدا مەنزىرە كۆرۈش بېلىتى ھەقسىز تارقىتىلىدۇ؛ ليەنخەي دۇنيا مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئالدىنقى 100 ساياھەتچىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ئارىلىق ئاپتوموبىلى، ئىشىك بېلىتى باھاسىدا %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
. ئاقسۇ ۋىلايىتى
ماتېرىيال سۈرەت
. ئاقسۇ شەھىرىدىكى تۆۋەندىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ھەقسىز: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى، دولان دەرياسى مەنزىرە كۆرۈش بەلبېغى، سۇلۇق يەر باغچىسى، ئاقسۇ ئورمان باغچىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك يىڭبىڭ باغچىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك شىڭفۇ باغچىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك فېڭچۈەنخې دەرياسى باغچىسى؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۇچا شەھىرى كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، كۇچا تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ، باشقا مەنزىرە رايونلىرىدا ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
سۈرەت مەنبەسى: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق نۆل ئارىلىق
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاتۇش شەھىرىدىكى بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان مەنزىرە رايونلىرىدا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىگە قارىتا ئىشك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان-سارايلىرى، مۇزېي، كۇتۇپخانا، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە مەركىزى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.
. قەشقەر ۋىلايىتى
سۈرەت مەنبەسى: مارالبېشى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى چېڭجۇڭ توغراق ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، قاراسۇ قۇملۇق مەنزىرە رايونى، يەكەن دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى ئالتۇق توغراق مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛
. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، پامىر مەنزىرە رايونىدىكى بارلىق بېلەت تۈرلىرى يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ.
. خوتەن ۋىلايىتى
سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي
. 5-ئايدا، خوتەن شەھىرىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا مېيىپلەردىن ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، خوتەن مۇزىيې، خوتەن شەھەرلىك كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە مەركىزى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ؛ بارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىردىن تۆۋەن بولغان بالىلاردىن ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن سۇپىسى