9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شۈ بېيخۇڭ خاتىرە سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئوقۇغۇچىلارغا شۈ بېيخۇڭنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، بېيجىڭ شەھەرلىك مۇزېي ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش − مەدەنىيەت داڭلىق شەخسلىرى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش» «+8» داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى ئىتتىپاقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيدا باشلاندى. بۇ كۆرگەزمە 200دىن ئارتۇق قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەت-ماتېرىياللار ۋە 59 ۋەكىل خاراكتېرلىك ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملار ئارقىلىق، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە سۇڭ چىڭلىڭ، گو مورو، شۈ بېيخۇڭ، مېي لەنفاڭ، لياڭ چىچاۋ، لى شۇتۇڭ قاتارلىق يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىكى 14 داڭلىق شەخسنىڭ ھېكايىسىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، ئېكىسكۇرسىيەچىلەرگە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ روھىي چوڭقۇرلۇقىنى كۆپ نۇقتىدىن ھېس قىلدۇردى.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، جەن تيەنيوۋ خاتىرە سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئوقۇغۇچىلارغا جەن تيەنيوۋنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، لياڭ چىچاۋ خاتىرە سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئوقۇغۇچىلارغا لياڭ چىچاۋنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر گومورو خاتىرە سارىيىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش