دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-22 11:32:10

زۇمرەت ئوبۇل ئۈرۈمچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ، خۇابىڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق 12 مەكتەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ماتېرىيال كۆرۈش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئالاقىدار خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قانۇن ماددىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلار، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق جەھەتلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپقا سىياسىي نۇقتىدا تۇرۇپ قاراپ، مائارىپنى خەلق تۇرمۇشى نۇقتىسىدا تۇرۇپ تۇتۇپ، مائارىپنى قانۇنىيەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ باشقۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، نىشان - ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق تونۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. پەرقلەر، كەمتۈكلۈكلەرگە توغرا قاراپ، قانۇننى يولغا قويۇش ۋە مائارىپ باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈپەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك مائارىپ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەكتەپلەرنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم سورۇن قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش كېرەك.

مۇقىيات جارمۇقاممەت قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە بىرلىكتە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش