دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ۋىلايەتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى باشلىنىدۇ
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-22 11:05:49

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەرىزات خېمىت خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى باشلىنىدىكەن. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار مەكتەپلەر ۋە بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرىدىن كەلگەن 3000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچى تەنھەرىكەتچى مۇسابىقە مەيدانىدا كۈچ سىنىشىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەمۇرىي مەھكىمە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شايار ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، جەمئىي ئۈچ مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي مۇسابىقە مەيدانى ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىدا تەسىس قىلىندى، شۆبە مۇسابىقە مەيدانلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شايار ناھىيەلىك ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش كەسىپلەر باغچىسى ۋە ئاۋات ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىدا تەسىس قىلىندى.

تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە كۈنتەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئاياغلىشىدۇ. مۇسابىقە تۈرلىرى يېنىك ئاتلىتكا، پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، خەلقئاراچە چېلىشىش، پەي توپ، جۇڭگوچە شاھمات قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر، 116 كىچىك تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئالدى بىلەن شايار ناھىيەسىدە باشلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئاۋات ناھىيەسىدىكى مۇسابىقە مەيدان، سارايلىرىنىڭ تەييارلىقىمۇ پۈتكەن بولۇپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك 6 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوغۇللار پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى نۇرئېلى ئەھەت ۋە كوماندا ئەزالىرى تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرتىپلىك مەشىق قىلىۋاتاتتى. نۇرئېلى ئەھەت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، بىز دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سىستېمىلىق مەشىق قىلدۇق، مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز، مۇسابقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى فەن مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت: ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى ئۆگىنىش ۋە تەنتەربىيە  ئارقىلىق چېنىقىش جەھەتتە ماس يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق چېنىقىش، خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇش، بەدەن قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

لى فەن مۇنداق دېدى: بىز بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت قىلىپ، تەنتەربىيە بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى تۇرغۇزۇپ، تەنتەربىيە ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋىلايىتىمىز ئۈچۈن تەنتەربىيە زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى قېزىپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش