دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 23 مىليارد 641 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى 851 بىناكارلىق ـ قۇراشتۇرۇش تۈرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى «ئۆلچەم» بويىچە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن، تاماقخانىلاردا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى كۆپەيتىلدى شىنجاڭدا بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى ماللار تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىندى ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە 42 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى غەربىي شىمالدىكى تۇنجى رايون كاپىتال بازىرى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۆلىكى» ئېچىلدى 2022-يىلى شىنجاڭدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى شىنجاڭلىق لو بياۋ ئىككىنچى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقتى «قىزىل يۇلتۇز چاقنايدۇ، بالىلىق قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئىيۇن» كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشقا رۇخسەت سورىسا خىزمەت دەم ئېلىشى ھېسابلىنامدۇ؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-05-30 18:29:18

  خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتى»دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بېيجىڭدىكى تور ئەھلىنىڭ «ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشسا قانداق دەم ئېلىش ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سوئالىغا قارىتا، 5- ئاينىڭ 22- كۈنى جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ «ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشسا خىزمەت دەم ئېلىشى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىغا ئاساسەن، دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشسا، خىزمەت دەم ئېلىشى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، مائاشى تولۇق بېرىلىدۇ.

  «بېيجىڭ تۇڭجوۋ» ناملىق تورداش 5- ئاينىڭ 11- كۈنى خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتى»دە مۇنداق سۆز قالدۇردى: ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشسا قانداق دەم ئېلىش ھېسابلىنىدۇ؟ خىزمەت دەم ئېلىشىغا كىرەمدۇ؟ كونكرېت ئېنىق بەلگىلىمە بارمۇ؟ ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت دەم ئېلىشى دەپ ھېسابلىمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ 

  @بېيجىڭ 12345 5- ئاينىڭ 22- كۈنى جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشسا قانداق دەم ئېلىش ھېسابلىنىدۇ دېگەن سوئالغا قارىتا، بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجوۋ رايونى جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشسا ھۆكۈمەت رۇخسىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىغا ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن مەكتەپنىڭ ماسلىشىپ، ياش، ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر مەكتەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى ئاچىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ رەھبەرلىرىدىن رۇخسەت سورىسا بولىدۇ، تەستىقلانغاندىن كېيىن خىزمەت دەم ئېلىشى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، مائاشى نورمال بېرىلىدۇ، مۇكاپات، باھالاش تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش