يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2023-يىللىق تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشنى ئەنگە ئېلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپى [2023] 16-نومۇرلۇق ھۆججىتى)نى تارقىتىپ، 2023-يىللىق تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى يېڭىدىن بەش تولۇق كۇرس كەسپىنى كۆپەيتتى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «مالىيە-باج چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش» «خەلق ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش» «پۈتۈن تاراتقۇ ئاخبارات مۇخبىرلىقى، تەھرىرلىكى ۋە ئىشلەش» «بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش قۇرۇلۇشى»دىن ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى تولۇق كۇرس كەسپىنىڭ سانى 18گە يەتتى.
شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى
2023-يىلى يېڭىدىن كۆپەيتكەن بەش تولۇق كۇرس كەسپى مۇندەرىجىسى
كېيىنكى قەدەمدە، مەكتەپ «تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» ھۆججىتىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق كۇرس كەسپى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ماكرولۇق تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەر خاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ تولۇق كۇرس كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي تولۇق كۇرس قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش