ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدە «ئانار دانىلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش تۈرىگە قاتناشقان 20 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىتتىپاق ئەزاسى، پىيونېر بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىپ، توققۇز كۈن داۋاملىشىدىغان «ئانار دانىلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەترەت ئەزالىرى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، جۇڭگو خەلق داشۆسى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسى، بېيجىڭ چەت ئەل تىلى 2-شۆيۈەنى قاتارلىق بىر قانچە ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ، ئۆگىنىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
تۇنجى تۈركۈمدە «ئانار دانىلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش تۈرىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەمىنلىگەن
«بۇ ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم!» شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايدانا نۇرلان مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دوستلۇق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، يەنە تېخىمۇ كۆپ ساۋاقداشلارنى شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئويۇم بار».
5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىن ئىبارەت تۆت ئالىي مەكتەپنىڭ ئىتتىپاق كومىتېتلىرى يەنە ئوقۇغۇچى ئىتتپاق ئەزالىرى، پىيونېرلارنى بېيجىڭ، تيەنجىن، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى 20 ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە تەشكىللەيدۇ.
«ئانار دانىلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىتتىپاق كومىتېتلىرى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتلىرى بىلەن خىزمەتتە قوشماقلىشىپ، ياشلار، ئوقۇغۇچىلارنى ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە قەدەم سانى ئىئانە قىلىش، پەننىي سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «شىنجاڭدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى تاماملايدۇ. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قوشماقلاشقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى يەنە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرىدۇ ھەم باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ ياشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش، پىراكتىكا قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى