ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ خەۋىرى) «ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولۇشى كېرەك، قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ.» 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ مېيىپلەر كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىن كەلگەن «2000-يىللاردا تۇغۇلغان» قىز ئاسىگۈل توختى ئوقۇتقۇچىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇردى.

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ قېتىم 30 خادىمنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى نەق مەيداندا مەسلىھەت سوراشقا جەلپ قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ فوتوسى
بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 36 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قاتنىشىپ، 378 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ۋە شارائىتى بار شەھەر-يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان مېيىپلەرگە، بولۇپمۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان مېيىپلەرگە ۋە يېزىلاردىكى مېيىپلەرگە قارىتىلغان. «تېخىمۇ كۆپ مېيىپ دوستلارنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇدۇللىشىپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەي خۇڭيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار 860دىن ئارتۇق مېيىپ كىشىنى بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت ئىزدەشكە جەلپ قىلدى. مۇشۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغۇچە، 160 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچى كارخانا بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.»

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 784 ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورۇنلىرىنى پائال ئېچىپ، قېلىپلاشقان، كەسپىي، ئاكتىپ بولغان مېيىپلەرگنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، مېيىپلەرنىڭ تېخىمۇ تولۇق ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى