دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى ۋىلايىتىمىز 2023 ـ يىللىق پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى شىنجاڭ «ھاۋا يىپەك يولى»نى زىچ بەرپا قىلدى «گۈللەرنى قوغلىشىپ شىنجاڭنى كۆرۈش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ئاياغلاشتى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى شىنجاڭنىڭ قەغەز مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا سېتىلدى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى تەدرىجىي تەرتىپلىك كۆپەيتىلدى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - ، 3 - لىنىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوبۇل قىلغان تەبىئىي گاز 430 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ، شىنجاڭ 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-24 17:07:33

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ)نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gov.cn، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ئارقىلىق رەسمىي ئېلان قىلدى. «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»دە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى، ئىدىيەۋى-سىياسىي ئەخلاق-پەزىلىتىنى باھالاش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرگە ئايرىپ كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى تەسىس قىلىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئۇچۇرنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىراجىتى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

    «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»نى چۈشەنمەكچى بولغانلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ بىۋاسىتە تەكشۈرسە بولىدۇ.


     ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى ۋە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش سۇپىسى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئەزەلدىن ھەرقانداق شەخس ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ باقمىغان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقانداق قانۇنسىز ۋاسىتىچى ئاپپارات ياكى شەخسكە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى، شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىماسلىقىنى، ساختا تەشۋىقات ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدىن قاتتىق ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش