دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى 40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» تەبرىكلەندى ئۈچ مەيدان ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى» كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپتىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-22 13:08:38

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمدە مەخسۇس كۇرس مائارىپىنى يولغا قويىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى ئەنگە ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا ئالىي كەسپىي مەكتەپتىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى. 

  بۇ يەتتە ئالىي كەسپىي مەكتەپنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم: شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسېرلار كەسپىي شۆيۈەنى، ئاقسۇ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قەشقەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، تۇمشۇق كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، كۆكدالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنشىڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قۇرۇمقاش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى. 

  شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسېرلار كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ يېڭىدىن تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭدا ئەدلىيە تۈرىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى. تۇنجى تۈركۈمدە مەھەللىدە تۈزەش، قانۇن ئىشلىرى قاتارلىق بەش ئالىي دەرىجىلىك كەسىپنى تەسىس قىلماقچى، 2027-يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمىنى 3000 ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش پىلانلاندى. 

  ئاقسۇ سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تۇنجى تۈركۈمدە نېفىت خىمىيە سانائىتى تېخنىكىسى، ماشىنىسازلىق ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرىنى قوللىنىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئالتە ئالىي دەرىجىلىك كەسىپنى تەسىس قىلماقچى، ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 3500گە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. شۆيۈەن شۇ جايدىكى نوپۇسنىڭ توپلىنىشى، شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆسۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. 

  قەشقەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى يەكەن ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە بىناكارلىق قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، پەرۋىش قاتارلىق ئالتە ئالىي دەرىجىلىك كەسىپنى تەسىس قىلماقچى، ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 3000غا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى ئالىي كەسپىي مائارىپنىڭ رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يەكەننىڭ شەرقى بىلەن غەربى رايونىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

  تۇمشۇق كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تۇنجى تۈركۈمدە كىيىم-كېچەك لايىھەلەش ۋە ھۈنەر-سەنئەت، ماشىنا-ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق تۆت كەسىپنى تەسىس قىلماقچى، 2023-يىلى كۈزدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدە 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار كۆلىمىنىڭ 3000غا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

  كۆكدالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى قۇرۇش تۈرى شۇ جاينىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ تۈرگە جەمئىي 899 مىليون 750 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 154 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە ئاساسىي گەۋدىسى تاماملاندى، قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

  شىنشىڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شىسى شىنشىڭ شەھىرىنىڭ ئالىي مائارىپ جەھەتتىكى بوشلۇقى تولدۇرۇلىدۇ، بۇ تۈر ئىككى قارارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 16 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە ئۇنىۋېرسال بىناسى ھەم ئەمەلىي تەربىيىلەش مەركىزىنى خېنەن ئۆلكىسى ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 146 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. نۆۋەتتە، بۇ تۈر ئومۇميۈزلۈك بېزەش باسقۇچىغا كىردى. 

  قۇرۇمقاش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى قۇرۇش تۈرىدە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇ يىل 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى ھەم بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، قاشتېشى باھالاش ۋە پىششىقلاش، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش، ماشىنا-ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالتە كەسىپنى تەسىس قىلماقچى. 

  مەخسۇس كۇرس مائارىپىنى يولغا قويىدىغان ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش