دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى 40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» تەبرىكلەندى ئۈچ مەيدان ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى» كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

يېڭىدىن 2700 ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىغىلى بولىدۇ ۋۇجياچۈ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئۆگزىسى يېپىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-22 13:04:53

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغۇچ بۆلۈمى، تولۇقسىز ئوتتۇرا بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال بىنا قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى يېپىلدى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 2700 ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

ۋۇجياچۈ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئۈنۈم رەسىمى. (سۈرەتنى جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ 1-قۇرۇلۇش شىركىتى تەمىنلىگەن)

        ۋۇجياچۈ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرى ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، 210 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 89 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 37 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئوقۇتۇش سىنىپىدىن 54ى تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ سىنىپ 36، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپ 18. قۇرۇلۇش مەزمۇنى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، بېزەش-زىننەتلەش، باغچىلاشتۇرۇش، مەنزىرە رايونىدىكى بۇيۇملار، يۈرۈشلەشكەن يېقىلغۇ گاز، توك بىلەن تەمىنلەش، يورۇتۇش، يول، قورۇق تام قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

       پىلانغا ئاساسلانغاندا، مەكتەپنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى كىرىش ئېغىزى مەدەنىيەت ئوبرازىنى نامايان قىلىش رايونى، ئوقۇتۇش رايونى ئىكەن؛ غەربىي قىسمى تۇرمۇش رايونى، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى رايونى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ شەرقىي قىسمى تەنھەرىكەت رايونى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ۋە تۈرلۈك پائالىيەت سورۇنلىرى ئىكەن؛ مەكتەپنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى ۋە غەرب تەرىپىدىكى يول بويىغا يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى قۇرۇش پىلانلانغان.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى تەشكىللىگەن كۆرەك يىغىنى جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى 1-بىناكارلىق قۇرۇلۇشى شىركىتى ئۈستىگە ئالغان ۋۇجياچۈ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ تۈر قۇرۇلۇشى ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى

        جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى 1-قۇرۇلۇش ۋۇجياچۈ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۈر دىرېكتورى چېن شيەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ تۈردە ھەر كۈنى ئىشتىن بۇرۇنقى يىغىن ئېچىلىپ، ھەرىكەت بىخەتەرلىكى يۇلتۇزىنى باھالاش پائالىيىتى ئارقىلىق، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، ھەرقايسى قۇرۇلۇش مەشغۇلات نۇقتىلىرى، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ھۈنەر-سەنئىتى، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئۈلگە ئارقىلىق يول باشلىنىپ، بىر قېتىمدىلا ئەلا نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ تۈر بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش