دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-16 11:17:35

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئادىمىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى چيەنخې ئاياللىرى روھى ئاقسۇ ئەمەلىيەت بازىسىدا باشلاندى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ھەرقايسى پىدائىيلار قوشۇنى ھەر خىل شەكىلدە «كىچىك لېكسىيە سۆزلەش، كىچىك مەسلىھەت بېرىش، كىچىك كۆرگەزمە قىلىش، كىچىك ئاممىۋى پاراۋانلىق» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسەت تەشۋىقاتى، قانۇن ـ تۈزۈم تەشۋىقاتى، پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، سەھىيە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزدى.

ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىلىرى، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش بازىلىرى باش تېمىنى چۆرىدەپ، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار ـــ كىچىك چۈشەندۈرگۈچى»، «20 ـ قۇرۇلتاي روھىنى بىللە ئۆگىنىپ تەڭ سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ماھىرلىرى بەسلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىدۇ.

پائالىيەتتە، ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان چيۇ پىنخۇا، رەن يىدۇڭ قاتارلىق ۋىلايىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى 10 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، يېتەكچى ۋە تەشۋىقاتچىنى تەقدىرلىدى؛ ماھىرە مەمەت قاتارلىق 10 كىشىگە 2023 ـ يىللىق ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتچىسى تەكلىپنامىسى تارقىتىپ بەردى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چاڭ يۈشۈەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش