يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، يان تېلېفوندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، يان تېلېفون «ئېلىپ كىرەلمەسلىك»، «ئىشلىتەلمەسلىك»، يان تېلېفوندا «تارقىتالماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى «ئاساسىي بازا»نى يەنىمۇ ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىمتىھان سوئالى ۋە ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان ئېلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان مەزمۇنى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مەخسۇس تۈر ئىسلاھاتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش ھەرىكىتى»نى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «تىنچ-ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نىڭ نىشان ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. (مۇخبىرلار ۋاڭ پېڭ، شى يۈسېن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش