دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئىچكى موڭغۇل ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2023-12-05 18:19:52

  بۇ يىل 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى يەر، پەن-تېخنىكا، ئۇرۇقلۇق مەنبەسى، سۇ، ئوت-چۆپ قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى پۇختا ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە-چوڭقۇر پىششىقلاش ۋە يېشىل، ئورگانىك ماركا يارىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يايلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يېشىل ئورگانىك ماركا يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى.

  باياننۇر شەھىرى ئۇلات ئالدى خوشۇنى زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ئۇلاستاي كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. «ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، ئوغۇت تېجەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ ۋە ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ دەل جايىدا سۇغىرىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق، ھەر مو يەردىن ٪20 سۇ تېجىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلىش مىقدارى ٪20، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى ٪10 ئازايتىلىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى» دېدى ئۇلات ئالدى خوشۇنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ جۈن.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ باشلىقى گو جەنجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىچكى موڭغۇل سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، سۇ ئىشلىتىش شەكلىنىڭ يىرىك، تۆۋەن ئۈنۈملۈك بولۇشتىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشىنى تېزلەتتى، بۇ يىل 373 مىليون كۇپ مېتىر سۇ تېجەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 2016-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ مو بېشى سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 305 كۇب مېتىردىن 214 كۇب مېتىرغا ئازلىغان، ئېتىزنى سۇغىرىش سۈيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.532دىن 0.574كە ئۆرلىگەن».ئىچكى موڭغۇل يايلاقتا نورمىدىن ئارتۇق چارۋا بېقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى.

  ئۇلانچاپ شەھىرى سىزىۋاڭ خوشۇنى خەيبۇزى كەنتىدە «قوي مەھەللىسى» بار بولۇپ: 24 يۇقىرى ئۆلچەملىك قوي قوتىنى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئوت چۆپ ساقلاش پارنىكى، تۆل ئېلىش، ەي قىلىش ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

  2022-يىلى 10-ئايدا، خەيبۇزى كەنتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرتۇتاش بىرلەشتۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى 1500 ساغلىقنى سىغدۇرالايدىغان دۇمېڭ گۆش قويى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسى ئۆلچەملەشكەن كۆپەيتىش رايونى قۇرۇشقا جەلپ قىلدى. خەيبۇزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدە 3000 مودىن ئارتۇق ئوتلاق بار، ئىلگىرى بىر مەھەل نورمىدىن ئارتۇق چارۋا بېقىش سەۋەبىدىن ئوتلاقلار چېكىنىپ كەتكەنىدى. ھازىر ئوتلاق ئارام ئېلىپلا قالماي، باقمىچىلارنىڭ بۇ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى».

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاۋ يۈشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :«ئىچكى موڭغۇل قوتاندا بېقىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تەبىئىي يايلاقنىڭ چارۋا سىغىمچانلىقىنى ئازايتىپ، <چارۋا> مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ سۈنئىي يەم-خەشەك تېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، قاراغان، شاخ-شۇمبا بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي يايلاقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، <ئوتلاق> مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئىچكى موڭغۇلدا 156 مىليون كىۋادرات مېتىر چارۋا قوتىنى سېلىندى، يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى يىلىغا 80 مىليون توننا ئەتراپىدا بولدى».

  ئىچكى موڭغۇل دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا يېشىل ئورگانىك ماركا يارىتىشنى تېزلەتتى.

  كۆكخوت شەھىرى تۇمېرت سول خوشۇنى يوۋرەن چارۋىچىلىقى چىلېچۈەن ئېكولوگىيەلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز كالا قوتانلىرىدا يەم بېرىش ماشىنا ئادىمى، سۈت سېغىش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتاتتى.

  «نەسىلنى ياخشىلاش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل سۈت كالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتى ئۈنۈملۈك ئاشتى» دېدى يوۋرەن چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جاۋ گولياڭ تونۇشتۇرۇپ. يىراق بولمىغان جايدا، يىلى زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساغلاملىق جىلغىسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، چىلېچۈەن ئېكولوگىيەلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك خام سۈتتىن تۈرلۈك سۈت مەھسۇلاتلىرى ياسىلىۋاتاتتى.گو جەنجياڭ مۇنداق دېدى: «كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى. ئىچكى موڭغۇل يېشىل ئورگانىك ماركا يارىتىپ، ئورگانىك سۈت، خورچىن كالا گۆشى، چىفېڭ تېرىقى، كۇلۇن قارا بۇغدىيى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، ئىچكى موڭغۇل بېيجىڭ ، شەندۇڭ ، گۇاڭدۇڭ ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 19 مىليارد 248 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى.

  يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكى موڭغۇل يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەۋزەل ماركا يېتىلدۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2025-يىلىغا بارغاندا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 400 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 2020-يىلدىكىدىن ٪47 ئاشۇرۇش پىلانلاندى، ئاساسلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ٪80كە يەتكۈزۈپ، 2020-يىلدىكىدىن 20 پىرسەنت پوئىنت ئاشۇرۇش پىلانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش