دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

مېھمانسارايلارنى زاكاز قىلىشتا نەچچە ئون ھەسسە ئېشىش كۆرۈلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-11-30 11:27:07

بۇ يىل قىش ئاپتونوم رايونىمىزدا قار تېيىلىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ

مېھمانسارايلارنى زاكاز قىلىشتا نەچچە ئون ھەسسە ئېشىش كۆرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: شيېچېڭ تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى باش قىش كىرگەندىن بۇيان، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدا قار تېيلىشقا ئالاقىدار سۆزلەرنى توردىن ئىزدەش مىقدارىنى ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە، شيېچېڭ تورىدا ئالدىن زاكاز قىلىنغان 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە شىنجاڭغا بېرىشقا ئالاقىدار بارلىق ئالدىن زاكاز قىلىنغان زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 ھەسسە ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئايروپىلان بېلىتى زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13 ھەسسە، مېھمانساراي زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 50 ھەسسە ئاشقان.

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، قۇمقاناس جىكبېلېڭ خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغان ساياھەتچىلەر مەنبەسى بويىچە شاڭخەي، خاڭجوۋ، شېنجېن، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، شىئەن، نەنجىڭ، يىنچۇەن ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرغان.

شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ رايون مەمۇرىي ئىشلىرى باش دىرېكتورى سۈن ۋېيلى مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ بۇ يىل ياز ھەم كۈزدە زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەر ئېقىمىنى كۈتۈۋېلىپ، بۇ جاينىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قىشتا شىنجاڭدا قار - مۇز ساياھىتى قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقىرى پەللە ھالىتىنى ساقلايدىكەن».

تېمپېراتۇرا سىجىل تۆۋەنلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالدى. 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلىش باشلاندى، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ھەپتە ئاخىرىدا، بۇ ئىستىراھەت رايونى كۈنىگە 3000 ئادەم قېتىم قار تېيىلىدىغان ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مافېڭۋو تورى قار تېيىلىش چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى: ئۆتكەن بىر ھەپتىدە شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى ھەم ئالاقىدار مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن، شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش قىزغىنلىق دەرىجىسى %155 ئۆرلىگەن، شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى %128 ئۆرلىگەن، مافېڭۋو شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى ئىستراتېگىيەسىدە «شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى»نىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى %234 ئۆرلىگەن.

ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، قۇمقاناس جىكبېلېڭ خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونى، ئالتاي تېغى دالا قار باغچىسى، يېكاشيا دالا قار باغچىسى قاتارلىقلار 2023 − 2024 - يىللىق قار پەسلىدە ياشلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان قار تېيىلىش مەنزىلگاھىغا ئايلانغان.

ئىستىراھەت، سەيلە - ساياھەت قاتارلىق بىرىكمە تىپتىكى قار تېيىلىش مەھسۇلاتلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شيېچېڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى فاڭ زېشى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل قار پەسلىدە ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ھېس قىلىش تىپىدىكى ئىستېمال ئاساس قىلىنىدۇ، لېكىن ھەۋەسكار دەرىجىسىدىكى ئوينىغۇچىلارنىڭ كەسپىي، يۇقىرى دەرىجىدىكى قار تېيىلىشقا بولغان ئېھتىياجىمۇ بەلگىلىك ئېشىپ، قار - مۇز ساياھىتى قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى ئېشىش يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى. «شۇنىڭ بىلەن بىللە، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇش يۈزلىنىشى روشەن بولۇپ، <قار -=""> <قار -=""> <قار -=""> <قار -=""> قاتارلىقلار بارغانسېرى كۆپ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالدى، قار - مۇز تۈرلىرى يەككە ھالدىكى قار تېيىلىشتىن دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرما تەرەققىياتقا يۈزلەنمەكتە» دېدى فاڭ زېشى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش