دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-11-30 10:52:21

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لۇ شۆتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ لۇڭخەي خەۋەر قىلىدۇ) 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ۋىلايەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇردى، قاتتىق تەلەپ، قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي ئىستىل بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ـ تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشقا ئاساس سالدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى مەزگىلدە، ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولىۋاتىدۇ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، شەھەر ـ بازار يېقىلغۇ گازى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە ۋە چەكلىك بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىش، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنىڭ بىخەتەر ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. قاتناش ـ تىرانسپورت ساھەسىدە «ئادەم»، «ئاپتوموبىل»، «يول»، «كارخانا»لارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى سېلىش، كىنىشكا ـ گۇۋاھنامىسىز توشۇش (ھەيدەش) قاتارلىق قىلمىشلارنى ئېنىقلاپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تەكشۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش، چاقىرتىپ سۆزلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش، بىرلىشىپ جازالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، خەۋپ ـ خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش كېرەك. بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدە «ئادەم»، «بۇيۇم»، «باشقۇرۇش» جەھەتتىكى يوچۇق، نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، خادىملارنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەلىم ـ تەربىيەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىشتا قۇرۇلۇش قىلىشتىكى سوغۇقتىن، تېيىلىپ كېتىشتىن، قار ـ شىۋىرغاندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈرئەت قوغلىشىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى قوغلىشىپ قارىغۇلارچە قۇرۇلۇش قىلىش، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

يىغىندا قاتناش ـ تىرانسپورت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىگە ئائىت ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى قويۇلدى، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن جيا جىڭلېي، دىڭ لىجيەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش