دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى خوتەندە دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچى كۆپەيتىلىدۇ دۆلەت دەرىجىلىك! ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىردى شىنجاڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىدىن 119نى تەسىس قىلدى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ئايروپىلاندا يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-19 16:24:42

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يى خۇي خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى، بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا كۈچ قوشۇش»تىن ئىبارەت، ۋىلايەت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «ساغلام ئاقسۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» بويىچە ھەممەيلەن ھەرىكەتلىنىش پائالىيىتىنى قوشۇمچە باش تېما قىلىپ بېكىتتى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر «مەملىكەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر)» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئاقسۇ شەھىرىگە ۋىۋىسكا بەردى، 9 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەت تەجرىبىسى ھەم ئەسەرلەر مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى)دە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشتىكى ئۇللۇق خىزمەت. ۋىلايەت بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت قىلىپ، باش تېمىنى چۆرىدەپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئاممىنىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزىدۇ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرىدۇ. يۇغۇرما تاراتقۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى، كەڭ پەن ـ تېخنىكا ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلىم ـ پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ـ پەننى قەدىرلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس گۈلنار ئوبۇل، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بورھان مەمەت مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش