ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شياڭبو خەۋەر قىلىدۇ) 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى چۆرىدەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاشنى پۇرسەت قىلىپ، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنىكىلارنى ئېچىش ۋە قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇ ئېنېرگىيە چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئېنېرگىيەنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ۋىلايىتىمىز ئېنېرگىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ۋىلايەتنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقسۇدىكى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل قوللاپ، سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ۋىلايىتىمىزدە تېخىمۇ زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سى ۋېيگو مۇنداق دېدى: ئاقسۇنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى روشەن، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز دىققەتنى ئاقسۇنىڭ نېفىت، نېفىت ـ خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاقسۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش