شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 17 ـ كۈنىگىچە 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى، باش تېمىسى «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش». 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى (ئاپتونوم رايونلۇق تىل ـ يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى) قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىل 7 ـ ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تىل ـ يېزىق كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى (ئاپتونوم رايونلۇق تىل ـ يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى) شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشتىكى 400دىن ئارتۇق تىپىك شەخسنى يىغدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك «پۇتۇڭخۇا ئۆگىنىش دارېنى»دىن ئون كىشى باھالاپ چىقىلدى ھەم باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ ئون «پۇتۇڭخۇا ئۆگىنىش دارېنى»نىڭ كۆپىنچىسى باغچە رايونىدىكى ئىشلىگۈچى خادىملار، دېھقان ـ چارۋىچىلار ۋەكىللىرى، ئاياللار ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى، خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. مۇكاپات تارقىتىشتا مەخسۇس تېمىلىق قىسقا فىلىم، ھەمتۈرتكىلىك سۆھبەت، شېئىر دېكلاماتسىيەسى ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشتىكى كۈرەش ھېكايىلىرى ھەر تەرەپلىمە بايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئورتاق ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشى بىلەن تولۇق قاپلاش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، نۇقتىلىق ھالدا دىققەتنى يېزا رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت دائىرىسىدە كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىش، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، دېھقان ـ چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا دەرس ئۆتكۈچى خادىملار ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسى ئېچىش، «ئانار گۈلى . كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش . ئائىلە بويىچە بىرلىكتە دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش» ھەم دېھقان ـ چارۋىچىلار دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ياخشى كەيپىياتى يارىتىلىدۇ.