ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كەسپىدە تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. 9- ئاينىڭ 13- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، بۇ ئىدارە بىر تەرەپ قىلغان خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى 4 مىليون 599 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %155.1 ئاشقان، 5- ئايدىن باشلاپ ئۇدا تۆت ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100تىن كۆپرەك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى پېچەتلىمەكتە. (سۈرەتنى ۋۇفاڭ تەمىنلىگەن)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش