دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىدىن 119نى تەسىس قىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتىۋاقتى:2023-09-15 16:31:03

 ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇا) 9- ئاينىڭ 13- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە يېقىندا مائارىپ نازارىتى، سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىدىن 119نى تەسىس قىلغان، بۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، تەھلىل قىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نۇقسىنى بار مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇۋېلىش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدىغان بۇ نۇقتىلار نۇقتىلىق ھالدا دوختۇرخانا، مەكتەپ، سودا بازىرى قاتارلىق جايلارغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، بالىلار بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت- مائارىپ- تەنتەربىيە بۇيۇملىرى، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان كۈندىلىك بۇيۇملار قاتارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىدىكى سۈپەت ۋە نۇقسان مەسىلىسى سەۋەبىدىن جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش ھەم مال- مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇچۇرلارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى يىغىشنى كەڭ قانات يايدۇرىدىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى سۈپەت تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لياڭ يۈجۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھسۇلاتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈش خەۋپىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى «ئالدىنقى قاراۋۇل»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ، يىغىدۇ ۋە تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىدۇ، مەھسۇلات سۈپەت بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى باھالاپ، نۇقسىنى بار مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىگە مەدەت بېرىدۇ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ھۆكۈم قىلىش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقسىنى بار مەھسۇلاتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمەت تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، مەھسۇلاتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، نۇقسىنى بار مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش ھەم خەۋپ- خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ، مەھسۇلات خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقسىنى بار مەھسۇلاتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈش خەۋپ- خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش