دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

خوتەندە دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچى كۆپەيتىلىدۇ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتىۋاقتى:2023-09-15 16:41:29

 9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى دۆلىتىمىزدە ياسالغان ARJ21-700 تىپلىق ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، خوتەن- تۇرپان، خوتەن- چاقىلىق، خوتەن- يەكەندىن ئىبارەت ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ، ھەممىسى ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قاتنايدۇ، ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، تۆتىنچى كۈنى، ئالتىنچى كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، خوتەن- تۇرپان ئارىلىقىدا بېرىپ- كېلىپ قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى EU2889\EU2890 بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كونكرېت ۋاقتى مۇنداقكەن: سائەت 10:50تە تۇرپان يارغول ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:15تە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ سائەت 17:40تە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:55تە تۇرپان يارغول ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

 خوتەن- چاقىلىق ئارىلىقىدا بېرىپ- كېلىپ قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى EU2889\EU2890 بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كونكرېت ۋاقتى مۇنداقكەن: سائەت 13:00تە چاقىلىق كىرورەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:15تە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ سائەت 17:40تە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 18:50تە چاقىلىق كىرورەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

 خوتەن- يەكەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى EU2883\EU2884 بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كونكرېت ۋاقتى مۇنداقكەن: سائەت 14:55تە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:30دا يەكەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ سائەت 16:10دا يەكەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:00دە خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش