دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ئايروپىلاندا يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتىۋاقتى:2023-09-15 16:43:35

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ رايونىدا پورتقا كىرىپ- چىقىدىغان يولۇچىلارنى 20 كىلوگىرام يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ھەقسىز يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە ئېغىرلىقى يەتتە كىلوگىرامدىن، ھەجمى 55 × 40 × 20 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان قولدا كۆتۈرۋالغىلى بولىدىغان بىر دانە يۈك- تاقنى يولۇچىلار بۆلمىسىگە ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارنى يۈك- تاقلارنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ئايروپىلاندا يېمەك- ئىچمەك بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن سۈرەت

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قىسمەن ئىقتىسادىي بۆلمىلىرىدە يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش نورمىسى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولدا كۆتۈرۈۋالىدىغان يۈك- تاققا بەلگىلىگەن رازمېرى كىچىكرەك ئىدى. بۇ قېتىم تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەڭشەش مەزمۇنى يۈك- تاق ۋە يېمەك- ئىچمەكتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە چېتىلدى، ئىقتىسادىي بۆلمىدىكى يولۇچىلار قولىغا ئېلىۋالىدىغان يۈك- تاقنىڭ ھەجىمى 40 × 30 × 20 سانتىمېتىردىن 55 × 40 × 20 سانتىمېتىرغا ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە يولۇچىلارنى 20 كىلوگىرام يۈق- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش نورمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئادەتتىكى يولۇچىلارنىڭ بارلىق يۈك- تاقىنىڭ ئۆلچىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى تاماق ۋاقتى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى ئۆلچىمىگە ئاساسەن يولۇچىلارنى ھەقسىز يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تاماق تۈرلىرى، ئاساسلىقى، ئۇششاق يېمەكلىك، خەنباۋ، سەنمىڭجى، ئىسسىق تاماق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش