دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

دۆلەت دەرىجىلىك! ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتىۋاقتى:2023-09-15 16:45:43

9-ئاينىڭ 14- كۈنى، مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2023- يىللىق دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بەرپا قىلىش تىزىملىكىدىن كۆرۈشىچە، ناھىيە دەرىجىلىك ئىلتىماس قىلىش، شەھەر دەرىجىلىك تاللاش، ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەۋسىيە قىلىش ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە جەمئىي 100 ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) 2023- يىللىق دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىرگەن. شىنجاڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىزىملىككە كىرگەن.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022- يىلى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 25 مىڭ 374 يۈەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 19 مىڭ 150 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى چىققان.

 ئىگىلىنىشىچە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ئىكەن. بۇ قېتىمقىسى يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى قانات يايدۇرغان 2- تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بەرپا قىلىشنى باھالىشى ئىكەن. (مۇخبىر گو جۈنگې)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش