دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەتنىڭ ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈزلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-15 10:40:26

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، 2023 ـ يىللىق ۋىلايەتنىڭ ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈزلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى.

رېپىرنىڭ پۇشتەك چېلىشىغا ئەگىشىپ، ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كوماندىسى بىلەن كەلپىن ناھىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى كوماندىسىنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى. يىراقتىن پاس بېرىپ تېز ھۇجۇمغا ئۆتۈش، توسۇۋېلىشتىن ئۆتۈپ نومۇر ئېلىش... ئىككى تەرەپ توپچىلىرىنىڭ ماھىر توپ ئويناش ماھارىتى، ياخشى ماسلىشىشى ئارقىلىق، مۇسابىقە مەيدانىدا كەينى ـ كەينىدىن «ۋاسكېتبول قىزغىنلىقى» قوزغالدى.

ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لى گاڭ مۇنداق دېدى: ئالدىراش خىزمەت ئىچىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ھەم بەدەن چېنىقتۇردۇم، ھەم كەيپىياتىمنى تەڭشىۋالدىم، تېنىمىز ساغلام بولغاندىلا خىزمەت ئورنىمىزدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتلىرى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان. بۇنىڭ باش تېمىسى «تەنھەرىكەت ئارقىلىق ساغلام بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش» بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت: كەڭ ئورگان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ساغلام تەن، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ قۇۋۋەت، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قاينام ـ تاشقىن ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

بۇ قېتىملىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورگانلار، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتلىرى ۋە ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ 31 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى ئىشلەۋاتقان 1367 پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى قاتناشتى، مۇسابىقىدە ئەرلەر ۋاسكېتبولى، تىكتاك توپ، پەي توپ، ئارغامچا سەكرەش، ئارقان تارتىشىش، رادىيو گىمناستىكىسىدىن ئىبارەت ئالتە تۈر تەسىس قىلىندى. مۇسابىقىگە قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تەنتەربىيە ھەرىكىتى روھىنى خىزمەت، تۇرمۇش جەريانىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىش ئىرادىمىز بىلەن  خىزمەتلەرگە ئاتلىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش