دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-15 10:59:18

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايەت 15 مىڭ كارخانا ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىشلەۋاتقان 46 مىڭ 600 خادىمنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىغان بولۇپ، 120 مىليون يۈەن فوند تولۇقلاپ تاپشۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تولۇقلاپ تاپشۇرۇلىدىغان سۇغۇرتا تۈرى كارخانىلارنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئىكەن. ئاساسىي سانىنى ئۆستۈرۈشتىن كېلىپ چىققان پەرقنىڭ ئىدارە ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى كارخانا ئۈستىگە ئالىدىكەن، شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىكەن.

ھەربىر ئىشچى ـ خىزمەتچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەت ئاپتونوم رايون 8 ـ ئاينىڭ بېشىدا تارقاتقان 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتۈن ئېغىزلار بويىچە شەھەر ـ بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىگە ئاساسەن، بۇ يىللىق ئاساسىي سانىنى بېكىتىش ۋە كەم قىسمىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى «ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلارغا ۋاقتىدا تارقاتتى، ۋىلايەت ئاپتونوم رايون بىردەك تەڭشەپ بولغان سانغا ئاساسەن، ناھىيە (شەھەر)لەردىكى بېجىرىش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملىدى.

ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ لاۋازىمەت خاراكتېرلىك يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ كەم قىسمىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەتچىلەر تاماملىدى، كارخانىلار ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، «بىر قېتىممۇ قاتراتماسلىق» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش