دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 14 ـ قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-15 11:05:02

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى.  9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 14 ـ قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئالاقىدار قارالمىلارغا قاراپ چىقتى، يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى «يەتتە بازا» قۇرۇش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايەتنىڭ «خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئون ئەمەلىي ئىش»ىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يەردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈم تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى قەتئىي توسۇش، «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈر كان ۋە كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، شەھەر ـ بازارلاردىكى يېقىلغۇ گاز، يول قاتنىشى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، تاساددىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش مانېۋىرىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، تاساددىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نىشانلىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەۋپ ـ خەتەر ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى چوڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، چوڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، چوڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قاتتىق، ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش