دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدىكى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى
​ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-12 12:08:25

   ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ خەۋەر قىلىدۇ) بىر يىلدىكى مول ھوسۇل پەسلى يەنە يېتىپ كەلدى، ئۇستازلارنىڭ تەلىمىدە ئوقۇغۇچىلار مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى. 39 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ياراتتى.

9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئاقسۇ مائارىپ شۆيۈەنى «ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەيمەن، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا مەن بار» تېمىسىدا 39 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھەم يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشقا چۈشۈشىنى تەبرىكلەش، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يېڭى ئوقۇتقۇچىلار تەنتەنىلىك ھالدا خىزمەتكە كىرىش قەسىمى بېرىپ، مەكتەپ ئىزنىكى تاقىدى، سوۋغاتقا ئېرىشتى؛ شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا گۈل تەقدىم قىلىنىپ، پېنسىيەگە چىقىش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ئوۋ ياڭچىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: مەن بىر ئۆمۈر مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغىنىمغا ئۆكۈنمەيمەن، بۈگۈن پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، ئەمما ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز ئىقتىدارىم ئارقىلىق ئاقسۇ مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمەن.

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى «دانىشمەن كۇڭزىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، قائىدىلەرنى چۈشىنىپ، ئىرادە تىكلەپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

پائالىيەتتە، يېڭى ئوقۇغۇچىلار خەنفۇ كىيىمى كىيىپ، كۇڭزىنىڭ ھەيكىلىگە چوڭقۇر تازىم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ئەخلاق ـ قائىدىگە ئەمەل قىلىشنىڭ تۇنجى دەرسىنى باشلىدى.

يېڭى ئوقۇغۇچى زۇلپىنۇر ئابلىمىت مۇنداق دېدى: مەن قەشقەردىن كەلدىم، بۇ مەكتەپنىڭ ئىنتايىن ئىللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كۇڭزىغا تازىم قىلغان ۋاقىتتا، قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق تەربىيەسى مېنى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ ئېگىز سەھنىدە تۇرۇپ ئۆزۈمنى كامالەتكە يەتكۈزىمەن، ئوقۇتقۇچىلىرىمغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، كەلگۈسىدە ياخشى ئوقۇپ، ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.

9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، باي ناھىيەلىك 5 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىلىك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋە «ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەيمەن، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا مەن بار» تېمىسىدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ـ ئانىلار ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

ئالقىش ۋە شادلىق ساداسى ئىچىدە، باي ناھىيەلىك 5 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2023 ـ يىللىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئۈلگىلىرى، باي ناھىيەسىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار سەھنىگە چىقتى. ئارقىدىن بۇ مەكتەپ يەنە «ئەخلاق ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش، ئەدەپ ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» بويىچە ئۇستازلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئىرادە تىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى سىنىپلاردىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئۇستازلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، دۇمباق چېلىپ ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق مۇراسىملار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلىدى.

بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېلى مولنىياز مۇنداق دېدى:مۇئەللىملەر بىزنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىلىرىم بىلەن ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن.

9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا ئىش باشقارمىسى يۈيۈەن مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى ئاقسۇ شەھەرلىك شياۋمىڭجۇ يەسلىسى بىلەن بىرلىشىپ «ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەمىمىي تەلىم ـ تەربىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، كىچىك دوستلار خەنفۇ كىيىمى كىيىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن گۈل ياسىدى. كىچىك دوست لى مېڭجيې خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئۆز قولۇم بىلەن ياسىغان گۈلنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خۇاڭ مۇئەللىمگە تەقدىم قىلىمەن، ئۇ ھەر كۈنى ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ شۇنچە كەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، كەلگۈسىدە چوقۇم جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن.

كېيىنكى پائالىيەتتە، كىچىك دوستلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆز قولى بىلەن ياسىغان گۈللەرنى سوۋغا قىلدى ھەم ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق مۇئەللىملىرىنىڭ بەرگەن تەلىمىگە رەھمەت ئېيتتى، ئوقۇتقۇچىلار ناخشا ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، بالىلار بىلەن بىرلىكتە بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش