دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايەت بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-12 12:10:15

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ۋىلايەت بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، ئىككى تەرەپ نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىشىش، ئورتاق قۇرۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ۋۇ خۇڭجەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يۈ قاتارلىقلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ شىركەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گازنى چارلاش ـ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىقنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىكنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا پائال تۆھپە قوشۇپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلەت كارخانىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

ۋۇ خۇڭجەن ئىككى تەرەپنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىش، پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەدە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش، شىنجاڭ تەبىئىي گازىدىن شىجاڭدا پايدىلىنىش»تا چىڭ تۇرۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گازنى چارلاش ـ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلاتنى كۆپەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى بىرلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى يەرلىكنىڭ ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ كۆپ قالدۇرۇپ، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈپ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىملاشقان پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان مەسىلە، قىيىنچىلىقلارنى ئەستايىدىل رەتلەپ ۋە ھەل قىلىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نېفىتلىكنى ئېچىش، قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

جاڭ يۈ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى، ئىقتىساد مەسئۇلىيىتى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىدىغان ئىش تۈرلىرىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، نېفىتلىكنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى نېفىتكە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نېفىتلىكنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن جيا جىڭلېي، يۈ گومىڭ، شۇنداقلا جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش