دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-09-11 11:39:19

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت - تەبىئىي گاز ھەم نېفىت - خىمىيە تېخنىكا، جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى ۋە مەبلەغ سېلىش - سودا يەرمەنكىسى باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ نېفىت، نېفىت - خىمىيە كەسپىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق مايتاغ − كۈيتۈن − قاراماي، ئۈرۈمچى − سانجى، بايىنغولىن ئوبلاستى − ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ چوڭ نېفىت - خىمىيە بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇۋاتقان 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا، سېلىنما، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىكنى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت، نېفىت - خىمىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.

جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ لەيبىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

جابدۇق كۆرگەزمىسىدە نېفىت - تەبىئىي گاز ھەم خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە ھەم يېڭى ماتېرىيال، رەقەملىك ئىقتىساد، مۇلازىمەت - سودا، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق بەش چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ مەيدان كەسپىي مۇنبەر ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەم كارخانىلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى، تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىقلار ماس قەدەمدە تەشكىللىنىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

باشلىنىش مۇراسىمىدا يەنە سېتىۋېلىش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، كېلىشىم سوممىسى 12 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش