دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگو − پاكىستان تۇنجى تۈركۈمدىكى TIR تىرانسپورت كەسپى قوزغىتىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-08-25 11:05:48

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى

8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى لىق قاچىلانغان «TIR» بەلگىسى چاپلانغان بەش ئاپتوموبىل قەشقەر تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىسكىلاتىدىن يولغا چىقتى، شىنجاڭ قونجىراپ پورتىدىن ئۆتۈپ، ئۈچ كۈن ئەتراپىدا پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يېتىپ بارىدۇ. بۇ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى تۇنجى تۈركۈمدىكى TIR تىرانسپورت كەسپى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ئەندىزىسىنى بېيىتتى.

TIR بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى ئاساسىدا ئورنىتىلغان يەرشارىۋى چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سىستېمىسى بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا ۋە خەلقئارا تىرانسپورتنىڭ قولايلىقلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. دۆلىتىمىز 2016 ـ يىلى TIRغا رەسمىي كىردى. نۆۋەتتە، TIR ئەھدىنامىسى بويىچە پۈتۈن يەرشارىدا 77 ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەت بار بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئاساسەن قاپلىدى. TIR تىرانسپورتىدا يۈك توشۇش باشلانغان جايدىكى تاموژنىدىن مەنزىل جايدىكى تاموژنىغىچە بولغان توشۇش پۈتۈن مۇساپىسىدە، چېگرادىن ئۆتىدىغان بارلىق دۆلەت تاموژنىلىرى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا يۈكنى ساندۇق ئېچىپ تەكشۈرمەيدۇ، كارخانىلار چېگرادىن ئۆتۈش كېپىللىك ھەققىنى تاپشۇرمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش