دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-08-25 11:07:30

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سۈپەت ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش

«ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئاچقان «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» توغرىسىدىكى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» يېقىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەھسۇلات، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇش پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالماقتا.

ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. «يولغا قويۇش لايىھەسى»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى قىسمى ئومۇمىي تەلەپ بولۇپ، يېتەكچى ئىدىيە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، 2025 ـ يىلى ۋە 2035 ـ يىلىدىن ئىبارەت ئىككى ۋاقىت تۈگۈنىدىكى تەرەققىيات نىشانى ھەمدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سۈپەت ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئورۇن بېكىتمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككىنچى قىسمى بولسا قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى. ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كەسىپلەرنىڭ سۈپەت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەلا مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ سۈپەت ۋە سۈپەتلىك ماركا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، زامانىۋىلاشقان سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى تۈزەشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جەمئىي ئالتە چوڭ تۈر، 21 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بار. ئۈچىنچى قىسمى بولسا كاپالەت تەدبىرى. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، خىزمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايون «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. «ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىشنى پىلانلاپ، سۈپەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش ۋە قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ؛ سۈپەت تەرەققىيات خىراجىتىنى كۆپ مەنبەلىك غەملەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپەت تەرەققىياتى مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈپەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە سېلىنما كاپالىتىنى كۈچەيتىدۇ؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سۈپەت ئۇل قۇرۇلۇشى، سۈپەت تېخنىكا مۇلازىمىتى، سۈپەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، سۈپەت خىزمىتىدە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دولقۇن ئاۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت سالمىقىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى «سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى پىروگراممىسى» ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، يىرىك پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىمىز، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش