دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«بىر بەلباغ، بىر يول» نۇرغۇن ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-08-25 11:09:37

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ

«قېنى، مەن دەملىگەن چاينى تېتىپ بېقىڭلار.» 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئاق كۆڭلەك كىيگەن يى شياۋجۈن ئىشخانىسىدىكى چاي ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ پۇئېر چېيى دەملەپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

شىنجاڭدىن كەلگەن «80 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ شىبە يىگىتىنىڭ يىۋۇ شەھىرىگە كەلگىنىگە 19 يىل بولغان بولۇپ، يىۋۇلۇققا كۈيۈ ئوغۇل بولغان بۇ يىگىت خېلى بۇرۇنلا چاي دەملەپ مېھمان كۈتۈشكە ئادەتلەنگەنىدى.

شىنجاڭدىن يىۋۇغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، يى شياۋجۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىم سىرتقا ئېچىۋېتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، <بىر> مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى».

2002 ـ يىلى، يى شياۋجۈن ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرىدا گىرۇزىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كارخانىسىدا ئىشلەيتتى، ئۇ شۇ يەردە رۇس تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنىدى. ئۇ قىزغىن بولۇش، ۋىجدانلىق بولۇشتەك مىجەزىگە تايىنىپ، نۇرغۇن گىرۇزىيەلىك سودىگەر بىلەن دوست بولدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كېيىن ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

«ئۇ چاغدا، مەن شىنجاڭدا تاشقى سودىنى ھەقىقەتەن ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم، بىزنىڭ ئامبىرىمىز قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئىككىدىن سەككىزگە كېڭەيگەنىدى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە بىر كۈندە 12 ئاپتوموبىل مال گىرۇزىيەگە توشۇلاتتى.» يى شياۋجۈن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا جۇڭگودىن گىرۇزىيەگە توشۇلىدىغان ماللارنىڭ ھەممىسى چېگرا رايون مېھمانخانىسىنىڭ ئامبىرىغا توپلىنىپ، ئاندىن ئاپتوموبىل ئارقىلىق توشۇلاتتى.

كېيىن، شىركەت يىۋۇدىن ئۈرۈمچىگە توشۇلىدىغان ماللارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن، 2004 ـ يىلى يى شياۋجۈننى يىۋۇغا ئەۋەتىپ، دېڭىز تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئاچتى. شۇنداق قىلىپ، يى شياۋجۈننىڭ يىۋۇ بىلەن رىشتىسى باغلاندى.

يىۋۇغا دەسلەپ كەلگەندە، يى شياۋجۈن سەل كۆنەلمىگەنىدى، ئەمما جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيە ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتى بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەم يىۋۇدىكى تۇرمۇشقا ئاستا ـ ئاستا كۆنۈپ قالدى.

ھەش ـ پەش دېگۈچە 2010 ـ يىلى يېتىپ كەلدى، يىۋۇلۇق قىز بىلەن توي قىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، لېكىن ماشىنىسى، ئۆيى بولمىغاچقا، يى شياۋجۈن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى.

«يىۋۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى.» يى شياۋجۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى خىزمەت جەريانىدا توپلىغان ياخشى ئوبرازىمغا تايىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گىرۇزىيەلىك خېرىدارلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتىم. 2012 ـ يىلى، تۇنجى ئىشخانامنى سېتىۋالدىم.

«تىجارەت قىلىشتا پەقەت پۇل تېپىشنىلا ئويلىساق بولمايدۇ، خېرىدارلارنى دوست دەپ بىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدەك چۈشەنگەندىلا ئاندىن تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى يى شياۋجۈن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ، توي قىلغان چاغدىكى «خوتۇنۇمنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، 2015 ـ يىلى، يى شياۋجۈننىڭ تاشقى سودا تىجارىتى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى، ئەمما ئۇ تەن بەرمەي، يېڭى كەسىپ يۆنىلىشىنى ئىزدەشكە باشلىدى.

«ئەينى چاغدا <بىر>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولۇپ، گىرۇزىيەمۇ بۇ تەشەببۇسقا ئەڭ بۇرۇن ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى، مەن بۇ ئارقىلىق يېڭى سودا پۇرسىتى تېپىشنى ئويلىدىم» دېدى يى شياۋجۈن.

يى شياۋجۈننىڭ شىنجاڭلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا گىرۇزىيەنىڭ قىزىل ھارىقىنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ ئۇنىڭغا يېڭىلىق بىلىندى. «مەن گىرۇزىيەنىڭ سودىسىنى قىلىۋاتقىلى شۇنچە ئۇزاق بولغان تۇرۇپمۇ، گىرۇزىيەنىڭ قىزىل ھارىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئۇنداقتا جۇڭگودىكى كۆپ قىسىم ئىستېمالچىلارمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.» يى شياۋجۈن مۇنداق دېدى: بۇ بىر نامەلۇم بازار بوشلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يى شياۋجۈن ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، گىرۇزىيەنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش تارىخى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ساپال كوزىدا ھاراق ئېچىتىش ھۈنەر ـ سەنئىتىنىڭ دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنى بىلدى.

بىر تېمىممۇ ھاراق ئىچمەيدىغان يى شياۋجۈن مەخسۇس بىر قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا بازىرىغا ئەڭ يېقىن بولغان شىنجاڭدا گىرۇزىيە قىزىل ھارىقى قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ بۇ ئىشنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

يىۋۇغا قايتىپ، يى شياۋجۈن گىرۇزىيە قىزىل ھارىقىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى، ھەم ئىمپورت قىلىشقا كىرىشتى. «ئەينى چاغدا خۇددى تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەن چاغدىكىدەك ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم» دېدى يى شياۋجۈن.

ئەينى يىلى، يى شياۋجۈن قۇرغان گىرۇزىيە مەدەنىيىتى باش تېما قىلىنغان كېڭەيتىش، ھېس قىلىش مەركىزى يىۋۇدا ماكانلاشتى. شۇ يىلى، ئۇنىڭغا گىرۇزىيەدە «گىرۇزىيە مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش ئەلچىسى» دېگەن نام بېرىلدى.

2016 ـ يىلى، يىۋۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گىرۇزىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئارقىدىن 360 مىڭ بوتۇلكا قىزىل ھاراق يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ چەت ئەل ئىسكىلاتىغا يېتىپ كەلدى.

2018 ـ يىلى، جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، بۇ، يى شياۋجۈننىڭ سودىسىنى تېخىمۇ زور كېڭىيىش بوشلۇقىغا ئىگە قىلدى. كېيىنكى يىلى، ئۇ يىۋۇدا كېۋېيلى گىرۇزىيە قىزىل ھاراق مۇزېيىنى قۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، يى شياۋجۈن ئۆزىنىڭ قىزىل ھاراق ماركىسىنى ياراتتى، گىرۇزىيەدىكى 15 ھاراقچىلىق قورۇقى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، ھەر يىلى 540 مىڭ بوتۇلكا گىرۇزىيە قىزىل ھارىقىنى ئىمپورت قىلىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يى شياۋجۈننىڭ تاشقى سودا تىجارىتى ساپ ئېكسپورت قىلىشتىن ئىمپورت ـ ئېكسپورت تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشقا ئۆزگەردى.

دەسلەپكى تاشيول تىرانسپورتىدىن، دېڭىز تىرانسپورتىغىچە، بۇ بىرنەچچە كۈندە، يى شياۋجۈن ماللىرىنى يىۋۇ ـ شىنجاڭ ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بېسىپ، تۆمۈريول ئارقىلىق گىرۇزىيەگە توشۇشنى سىناپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ.

«بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن شىنجاڭدىن يىۋۇغا بېرىپ، خۇددى ئۆزۈمنىڭ <يېڭى>نى بىر قېتىم مېڭىپ چىققاندەك بولدۇم» دېدى يى شياۋجۈن كۈلۈپ تۇرۇپ.

7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، جۇڭگو گىرۇزىيە بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ <بىر>نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى»نى ئىمزالىدى. يى شياۋجۈن ئالاقىدار خەۋەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، مېنىڭ تىجارىتىمنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش