دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

2023 ـ يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-08-25 11:10:29

شۇنىڭ بىلەن بىللە تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە نۇرغۇن «ئەڭ كۆپ» بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 360 ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالانغان، سوممىسى 521 مىليارد 37 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 273 تۈردە توختام ئىمزالىغان بولۇپ، سوممىسى 493 مىليارد 212 مىليون يۈەن بولغان. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە نۇرغۇن «ئەڭ كۆپ» بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمىنى ھەر نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قاتارلىق 40 دۆلەت ۋە رايون ھەمدە يەتتە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 800دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان، سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكى زات، داڭلىق ئالىم قاتناشتى.

تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر شىڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلار كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەگە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىغا يۇقىرى قاتلام، يۇقىرى سەۋىيەدە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالدى.

كۆرگەزمىدە «قالتىس» بولۇش نامايان قىلىندى، كۆرگەزمە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولدى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئالتە چوڭ كۆرگەزمە تېمىسى تەسىس قىلىندى. تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكى 1380 كارخانا تور سىرتىدا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 25ى، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن يەتتىسى، ساھە باشلامچى كارخانىسىدىن 117سى كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە قاتناشتى.

خەلقئارالىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولدى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە 18 مىڭ 700 سودىگەر قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا سودىگەر 1000دىن ئاشىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن ھىندىستاندىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە قاتناشتى.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە پۈتۈن سارايدىكى ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورۇنلىرىنىڭ نىسبىتى تۇنجى قېتىم %60تىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىككە سېلىشتۇرغاندا %20كە يېقىن يۇقىرى بولدى. تۇنجى قېتىم مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى تۇنجى قېتىم 6000 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىلىرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.

سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا پائالىيەت سانى ئەڭ كۆپ بولدى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە سودىگەرلەرگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش نىشان قىلىنىپ، كەسىپلەر مۇنبىرى، سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، ئالماشتۇرۇش يىغىنى، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى، توردا پۈتۈشۈشنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەر لايىھەلەندى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە جەمئىي 64 مەيدان قېتىم سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە يەنە تۇنجى قېتىم تىيانشان خەلقئارا ئىستېمال بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، «سەھنە پائالىيىتى» «كۆرگەزمە سۇپىسى پائالىيىتى» ھەم باشقا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى تەسىس قىلىنىپ، «شىنجاڭ» ئىشلەپچىقارغان سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تۇنجى تارقىتىش پەسلى قاتارلىق 70 مەيدان يۈرۈشلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى پىلانلاپ ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولدى، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان، كۆرگەن ئامما 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، نەق مەيداندىكى ئەمەلىي سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، تەشكىلىي كومىتېت ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دوۋيىن سۇپا نومۇرىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ كۆرگەزمە سارىيىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۈندىلىك توردا كۆرگۈچىلەر سانى 150 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى، تەشكىللىگەن دوۋيىن پاراڭ تېمىلىرى پائالىيىتىنىڭ قويۇلۇش مىقدارى 28 مىليوندىن ئاشتى. ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى توردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بېلەت تارقىتىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى توردا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى داۋاملىق ھالدا تور ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي 4600 جۇڭگو ـ چەت ئەل كارخانىسى كۆرگەزمىگە توردا قاتناشتى، 17 مىڭ 744 كۆرگەزمە بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىندى، تور سۇپىسىنى جەمئىي زىيارەت قىلىش مىقدارى 6 مىليون 290 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.

«بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىشنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت كاپالىتى ئەمەلىي، كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق كۆرگەزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.» تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە توختام ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ئادا قىلىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئادا قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش